新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىلەرگە چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلدى

发表时间:2021-10-19 12:23作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيە   «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى 2021109 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، غۇلجا شەھىرى 65410202 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بەختىگە يارىشا ئامەتلىك لاتارىيەچى قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنىدا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 170182 يۈەن بولدى.

مەزكۇر پونكىتتىكى مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ليۇ ئەپەندى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى ھەۋەسكارى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 20 يىللىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەجرىبىسىگە ئىگە پىشقەدەم لاتارىيەچى ئىكەن. ليۇ ئەپەندى ياش ۋاقتىدىلا « قوش رەڭلىك توپ» نى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، ھازىر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، ھەر كۈنى ئۈچ نەپەر پېنسىيەگە چىققان دوستلار يىغىلىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ ئويۇن توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى، ئۇلار يەنە مۇزاكىرە قىلىپ چىققان نومۇرلار بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى. بىر نەچچە پېنسىيەگە چىققان دوستلار ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيەنى ماختايتتى-« پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىزنىڭ پېنسىيەگە چىققان تۇرمۇشىمىزغا ھەقىقەتەن چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلدى!».

بۇ قېتىم ليۇ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ليۇ ئەپەندىنىڭ نومۇر تاللاش ماھارىتى بار بولۇپلا قالماي يەنە بۇرۇنقىدەكلا نۇمۇر تاللاشتا چىڭ تۇراتتى. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021109 قاراردا، ليۇ ئەپەندى « قوش رەڭلىك توپ» غا دو تىككەندە، يەنىلا تۆت يىل چىڭ تۇرغان بىر ندو نۇمۇرنى بىرىنچى قۇرغا قويدى، ۋە لاتارىيەچى دوستلىرى بىلەن شۇ كۈنى مۇزاكىرە قىلىپ چىققان تۆت   دو نۇمۇرنى تەرتىپ بويىچە تىزىپ، 10 يۈەن بىلەنب يەككە شەكىلدە دو تىكتى. قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە، شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات   ئېچىلدى، ليۇ ئەپەندى چىڭ تۇرۇپ ساقلاپ كەلگەن نومۇر ئاخىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.

ليۇ ئەپەندى 170 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ليۇ ئەپەندى:«بۇ مۇكاپات نومۇرىدا گەرچە چىڭ تۇرۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولساممۇ، لېكىن تۆت يىل ئىلگىرى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن "دەرس" نى يېتەرلىك ئىشلەپ ئاندىن ھۆكۈم چىقارغان ئىدىم. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ئىشەنچ ۋە تەلەيدىن باشقا، ئەلۋەتتە ئەڭ كۆپى يەنىلا پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن بەختى سەۋەبلىك بولدى!»-دېدى.

15.png

分享到: