ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئامەتلىك لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-20 16:42作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

« ئاپتوماتىك يەككە تاللاشنى كۆرگەن، قايتىلانما تاللاشنىمۇ كۆرگەن، لىكىن سىز مەن كۆرگەن ئەڭ يۆرەكلىك ئادەم، دەنتونىمۇ ئاپتوماتىك تاللاپسىز». 9 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن جېڭ ئەپەندى خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۈلۈپ قويۇپ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.

جېڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ماھىرى، لاتارىيە ئويناۋاتقىلى خېلى يىللار بولدى. «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ جىنو تىپىدىكى ئويۇنغا زور ئۈمىد باغلىدى، جېڭ ئەپەندى «شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنىلا ئالاقىدار ئويۇن قائىدىلىرىنى ئىگىلىدى ھەم سىناپ سېتىۋالدى. باشقا لاتارىيەچىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇكاپات نومۇرى، يۆنىلىش خەرىتىسى ئارقىلىق نومۇرنى تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ، جېڭ ئەپەندى تەلەيگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، تەلەي كېلىپ قالسا، قانداق قىلسا ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ. بۇنى ئادەتتە ئاسماندىن چۈشكەن قىيما دەپ ئاتايمىز.

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، جېڭ ئەپەندى ئادەتتىكىدەك 65010491 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش بىلەن يەنە بىر قانچە «شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتىنى تاللاشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، رەقىبداش بولغان كونا لاتارىيەچى دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئىككىيلەن بىر ھازا تىل جېڭى قىلىپ، ماھارەتلىرىنى ئىشقا سىېلىپ PK قىلىشنى باشلىدى.

پېشقەدەم لاتارىيەچى:« ـــ لاۋجېڭ! لاتارىيە ئويناشتا تىخنىكىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بۇنداق ئىختىيارى ھالدا ھەمىشە ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللىسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز قاچان مۇكاپات چىقىدۇ! »-دېدى.

جېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « مەن بۇنداق قارىمايمەن، لاتارىيە ئويناشتا پىسخىك ھالەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەمىشە مۇكاپات چىقسا دەپ ئويلىساق مۇكاپات چىقمايدۇ، مەن تەلەيگە ئىشىنىمەن، نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللىغان ئەمەسمۇ، يەنە كېلىپ كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشسام مەنمۇ خۇشال بولىمەن.»-دېدى.

پېشقەدەم لاتارىيەچى:«ــ بولىدۇ، ئەمىسە سىز داۋاملىق تاللاپ تۇرۇڭ، مەن تېخى ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.»-دېدى،

جېڭ ئەپەندى:« مەن سىزگە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كۆرسىتىپ قۇياي»-دېدى.

ئۇ ئىككەيلەن بىر ھازا تالاشقاندىن كىيىن، جېڭ ئەپەندى « شادلىق 8» ئۇيۇنى ئالتىنى تاللاش ئويناش ئۇسۇلى بەش دەنما چۈەن تو لاتارىيە بېلىتىدىن بىرنى ئالدى.

«شۇ چاغدا چاغدا ئازراق تىرىكتىم، بەك كۆپ ئويلاپ كەتمىدىم»-جېڭ ئەپەندى كۈلۈپ قويدى. ـــ «ھېلىمۇ ياخشى ئۇ مېنى تىرىكتىرۈپتۇ، بولمىسا قانداقمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيتتىم». خىزمەتچى خادىملارنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشى ئارقىلىق، جېڭ ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنى 2021238-قاراردا 46800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

«بىردەمدىن كېيىن مەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش تالونىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئوبدان كۆرسىتىپ، ئۇنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلدۇرىمەن». ـــ دېدى جېڭ ئەپەندى.

1.png

分享到: