新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى تۇغۇلغان كۈنىدا 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-10-22 12:45作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى يىگىت شىياۋماغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر كۈن بولدى، چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شىياۋما نۇرغۇن سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە پاراۋانلىق لاتارىيەسى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئېلىپ كەلگەن 30000 يۈەنلىك سوۋغاتمۇ بار ئىدى.

شىياۋما تۇغۇلغان كۈنىدە قۇبۇل قىلىشنى ئارزۇ قىلدىغان تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى بولسا لاتارىيە بېلىتى بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى شىياۋمانىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنڭ «سادىق مەستانىسى» ئىدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان لاتارىيە سېتىۋېلىش ئارقىلىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ بۇرۇنلا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» قا قىزىقىپ قالغان. شىياۋما قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى « قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلەت تۈرلىرى ئىدى.

بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «باي-باياشات»   بىلەت تۈرى بولۇپ، قىممىتى ئىككى يۈەن، شىياۋما ئىلگىرى دائىم بۇ ئويۇننى ئويناپ، ئويۇن قائىدىسىنى پىششىق بىلەتتى، پەقەت بېلىق سۈرىتى بەلگىسى چىقسىلا 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلاتتى. دەرۋەقە، شىياۋما لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن « چوڭ بېلىق» پەيدا بولدى، شۇنداق قىلىپ شىياۋماغا 30000 يۈەن مۇكاپات چىققان ئىدى. شىياۋما بىردىنلا خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، دەرھال مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتتى.

خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى ئائىلىدىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىشىمىز كېرەك. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شياۋما ئاتا ـ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ، خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن بۇ مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

4.png

分享到: