新闻详情

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئۈچ خىل يېڭى ئۇيۇن لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

发表时间:2021-11-02 12:42作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندىن بۇيان كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، گۈزەل كۈز مەنزىرىسى ھەممە يەرنى قاپلىدى. قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى ئۈچ خىل يېڭى ئويۇن گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈردى، لاتارىيەچىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى!

بۇ «شادلىق 8» ئۇيۇنى ھەققىيقى «شادلىق 8» ئۇيۇنى ئەمەس

بىز «شادلىق 8» ئويۇنىدا ئەركىن ئۈزۈپ، كۆڭۈلدىكىدەك نومۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ يەنە بىر پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « شادلىق 8» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقساق بۇلىدۇ. سانلارنى سېلىشتۇرۇپ، پەقەت « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن « مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ، گەرچە بۇ بۇ «شادلىق 8» ئۇيۇنى ھەققىيقى «شادلىق 8» ئۇيۇنى بولمىسىمۇ، لېكىن شادلىق يەنىلا ئوخشاش!

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلەت قىممىتى 10 يۈەن، 20 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 800 مىڭ يۈەن، مۇكاپات دەرىجىسى 11 دەرىجە، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى% 65. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ ئاچقاندىن كىيىن ئەگەر خالىغان بىر « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.


«بەش رەڭلىك ئالماس» چاقنىغان بەش خىل رەڭ لاتارىيە بىلىتى

بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن

ئالماس مەڭگۈلۈك، پاك، سادىق گۈزەل مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بىر دانە ئالماسنى تاللاپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ. رەڭلىك ئالماسلەر رەڭگارەڭ بولۇپ، نەپىس، سۆسۈن، كۆركەم، يېشىل رەڭ، سىرلىق قارا رەڭ، نازۇك ھال رەڭ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سېرىق رەڭ، ئېسىل قىزىل رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلەردە بولىدۇ.

«بەش رەڭلىك ئالماش» لاتارىيە بېلىتى قىممىتى 20 يۈەن بۇلۇپ، 20 قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن، مۇكاپات دەرىجىسى 11 دەرىجە، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى% 65. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر« مېنىڭ نومۇرىم» بىلەن خالىغان بىر« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن ئەگەر «ئالماس بەلگىسى» چىقسا، بۇ بەلگىنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپات پۇلىنىڭ بەش ھەسسىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.



« باي ئۆردەك» لاتارىيە بېلىتى كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى ئوماق بولۇپ، قىممىتى بەش يۈەن، سەككىز قېتىم مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 100 مىڭ يۈەن، مۇكاپات دەرىجىسى سەككىز دەرىجە، مۇكاپات پۇلىنى قايتۇرۇش نىسبىتى% 65. ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر« مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.


(پاراۋانلىق لاتارىيە لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)


分享到: