新闻详情

ئۇ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكتىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-11-02 17:53作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرىدىكى 65425201 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى يىن ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ) تەلىيىگە يارىشا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش «جېڭ داڭخۇڭ» ئۇيۇنىدا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپراق مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، يىن ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە   قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «جېڭ داڭخۇڭ» لاتارىيە بېلەت تۈرى لاتارىيەچى دوستلارغا جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولغان، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلگەندە، بىر نەچچە پارچە «جېڭ داڭخۇڭ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقىدىكەن، ۋە دائىم كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن، ئەمما يى ئەپەندى بۇنىڭلىق بىلەن بوشىشىپ كەتمىگەن. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، يىن ئەپەندى 65425201 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يەنە تەلەي سىناپ باقماقچى بولۇپ، قىممىتى 20 يۈەنلىك «جېڭ داڭخۇڭ» لاتارىيە بېلىتىدىن ئۈچ پارچە سېتىۋالدى، ئىككىنچى پارچىسىنى قىرىغاندا، يىن ئەپەندى ھەيران بولۇپ: « ھە! مەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!»-دەپ توۋلىدى، ھەمدە لاتارىيە بېلىتى ساتقۇچىغا سۇنۇپ جەزملەشتۈردى، بېلەت يۈزىدىكى « مۇكاپات نومۇرى» ۋە « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ھەممىسىدە« 17» نىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپات پۇلىنىڭ« 300000 يۈەن» ئىكەنلىكىنى كۆردى. مال ساتقۇچىمۇ ھەيران قېلىپ، قايتا ـ قايتا تەكشۈرۈپ، يى ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

تارباغاتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلگەندە، يى ئەپەندى خىزمەتچى خادىملار بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىش خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم، بۇ پۇللار بىلەن تۇرمۇش شارائىتىمنى ياخشىلىيالايمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ مەيۈسلەنمەيتتىم ، چۈنكى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزگەن بولىمەن ئەمەسمۇ، بەلكىم دەل مۇشۇ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكتىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلىشىم مۇمكىن.»-دېدى.


分享到: