新闻详情

ئىسمى جىسمىغا لايىق «3D ماھىرى» 212160 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-11-08 17:10作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

سانجى شەھىرى 65230280 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق « 3D ماھىرى» ئىكەن! 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا، ئۇ 3D ئۇيۇنىدا 212160 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ! ئىگىلىنىشىچە، ما ئەپەندى شۇ قاراردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نومۇر « 330» غا قارىتا 13 دو، 15ھەسسە، 1 دو 5 ھەسسە يەككە تاللاپ دو تىكىش ھەمدە تۆت ھەسسە يەككە تاللاپ بىرلەشمە دو تىكىش ئېلىپ بارغان. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇن مۇكاپات ئېچىلىپ، مۇكاپا نۇمۇرى دەل « 330» بولۇپ، ما ئەپەندى بەختكە يارىشا مول مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، كۆڭلى يايراپ كەتتى.

«ياخشىمۇسىز، مۇكاپاتنى مۇشۇ يەردە نەقلەشتۈرەمدۇ، ماڭا ياردەم قىلىپ مۇكاپاتنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت!»-دېدى، ما ئەپەندى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتە سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات نەقلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى، ئادەتتە قوش رەڭلىك توپ ۋە 3D ئويۇنىنى ياخشى كۆرىمەن، لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ نۇمۇر تاللىغاندا ھېچقانداق ئالاھىدە ماھارەت ۋە ئۇسۇل يوق، پۈتۈنلەي كەيپىياتقا قاراپ، تۇيغۇغا تايىنىپ، قايسى نۇمۇر مۇۋاپىق بولسا شۇ نۇمۇرنى تاللاپ دو تىكىمەن، شۇنداقلا تۇيغۇ بولغان ھامان نەچچە ھەسسە قۇشۇپ دو تىكىمەن. ما ئەپەندى كۆرەڭلىگەن ھالدا: « مەن مۇشۇنداق ئادەم، ياخشى ھىس قىلىپ قالسام پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كۆپرەك سېتىۋالىمەن، مانا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم! بۇ نېمىدېگەن پۇخادىن چىقىش!»-دېدى.

خىزمەتچى خادىملار مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا سورىغاندا، ما ئەپەندى ئالدى بىلەن بىر قىسىم مۇكاپات پۇلىنى ئامانەت قويۇپ، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلارغا تەييارلاپ قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم مۇكاپات پۇلىنى چىقىرىپ داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋېلايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يەنە كاتتا ئامەتنى كۈتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


分享到: