新闻详情

چېن ئەپەندى تاماشا كۆرگەچ 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-11-23 12:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

قىزىقارلىق ئىشلارنى كۆرگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر تاماشا كۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا بەزى كىشىلەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، قىزىقچىلىق قىلىپ يەنە كاتتا مۇكاپاتنى ئېلىپ كېتىدۇ. 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى چېن ئەپەندى تاماشا كۆرگەچ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «موزى墨子» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، چېن ئەپەندى خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ئۆزۈمنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ باقماپتىمەن»-دېدى، ئىزچىل«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان چېن ئەپەندى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋېلىپ، بۈگۈر ناھىيەسى قىزىل كۆۋرۈك تەرەققىيات رايونى پىيادىلەر كوچىسى 65288017 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، پونكىتنىڭ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كىرىپ تاماشا كۆرمەكچى بولدى.

چېن ئەپەندى لاتارىيە پونكىتقا كىرىپلا، مال ساتقۇچىغا بىر نەچچە تال «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ بېرىشنى ئېيتتى، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭدىن: « بۇنىڭ ئىچىدە قىممىتى 20 يۈەنلىك "موزى墨子" لاتارىيە بېلىتىدىن يەنە ئۈچى بار، بولامدۇ؟»-دېدى، چېن ئەپەندى ئۇنىڭدىن بىرنى تاللاپ:«مەن ئاۋۋال بىرنى قىرىپ سىناپ باقاي»-دېدى. راست گەپنى قىلغاندا، بۇ لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندا، چېن ئەپەندى ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمىگەن ئىدى، لېكىن ئۇ بۇ لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، « ئويناش ئۇسۇلى» دا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىككى «» بەلگىسى بارلىقىنى بايقىدى، ئوڭ تەرەپتىكى مۇكاپات پۇلىنىڭ كىچىك سان ئەمەسلىكىنى، 10 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى. كۆز ئالدىدىكى بۇ لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ چېن ئەپەندى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق تەلىيى بارلىقىغا ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئويۇن قائىدىسى بويىچە نەچچە قېتىم تەپسىلىي قاراپ چىقتى، شۇندىلا ئۆزىنىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى.

بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا نىسبەتەن، چېن ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىمقى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ھەقىقەتەن ھەيرانقارلارلىق بولدى، ئويلىمىغان يەردىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم.»-دېدى.

分享到: