新闻详情

ياش يىگىت لوڭ لوڭ 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-11-23 18:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

بۈگۈن تونۇشتۇرىلىدىغان بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچى 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان يىگىت لوڭ لوڭ بولۇپ، ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى مەلۇم تۈەندىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچراشقىلى ئىككى ئاي بولمايلا، ئۇ بارلىق ئويۇنلارنى سىناپ باققان، ئۇ ھەر قېتىم 50 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاشلىمايدۇ، لوڭلوڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا«تەلەي سىناپ باقاي، بىر كۈنلىرى مۇكاپات چىقىپ قالامدۇ كىم بىلىدۇ»، ھەر كۈنى بىر تال لاتارىيە بىلىتى، بىر تال ئۈمىد، بىر خۇشاللىق.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى لۇڭ لۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئۇ ۋۇجياچۈ 65452332 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغاندا تۇيۇقسىز غەلىتە خىيال پەيدا بولۇپ، ئىلگىرىكى بىرلەشمە سېتىۋېلىش ۋە نومۇر ساقلاش ئۇسۇلىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ تەلەي سانىنى دەنما قىلىپ، « بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە بىر دو «دەن 4 چۈەن تو»لاتارىيە بىلىتىگە دو تىكتى، دو تىكىش سوممىسى 152 يۈەن بولدى، مۇكاپات چىقمىسا جەمئىيەتكە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلغانلىق بولسۇن دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە.

شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات چىققاندا، لۇڭ لۇڭ ساتقۇچى شياۋليۇنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، شياۋليۇ ھاياجانلانغان ھالدا لۇڭ لۇڭغا: « مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز، مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەنگە چىقىپتۇ!»-دېدى. لۇڭ لۇڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەي، دەرھال لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ئۇ: «بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلكىدىن بەك ئەنسىردىم، مۇكاپات پۇلىنى قۇلۇمغا ئالغاندىن كىيىن ئاندىن راستىنلا كۆڭلۈم يايراپ كەتتى»-دېدى.

لوڭلۇڭ كالا يىلىدىكى تۇغۇلغان كۈنىدە بەختكە يارىشا ئالاھىدە سوۋغاتقا ئېرىشىپ، ئوخشاش بولمىغان تۇغۇلغان كۈن سوۋغتى بىلەن خۇشاللىققا چۆمدى، ئۇ مال ساتقۇچى شياۋليۇغا مۇنداق دېدى: « بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايمەن، دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللايمەن، پەقەت قاتناشقاندىلا ئاندىن پۇرسەت بار بولىدۇ، پەقەت قاتناشقاندىلا ئاندىن ئۈمىد بار بولىدۇ، بۇنىڭدىن مۇشۇنداق ياخشى تەلەينىڭ يەنە داۋاملىق كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

分享到: