新闻详情

كىرىستىيانو رونالدو ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغداش ئۈچۈن قوشكېزەك قوغدىغۇچى ياللىدى

发表时间:2021-11-27 14:48

QQ20201127-0.gif

ئەنگلىيە تاراتقۇسى «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رونالدو ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشكېزەك قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلغان. ئۇ قوغدىغۇچىلار ئىلگىرى ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن بولۇپ، كېيىن پورتۇگالىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپى قوغداش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. سىياسىئون ۋە سوتچىلارنى نازارەت قىلىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

پورتۇگالىيە «Flash» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قوشكېزەكلەر ئەمەلىيەتتە ئۈچكېزەك بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا قىزىقىشلىرىنى قوغلىشىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا مائاشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدو ئۇلارنى تەكلىپ قىلغان، نۆۋەتتە بۇ ئۈچكېزەكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنچى ئىنىسى يەنىلا ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ قوشكېزەكلەر رەتلىك كىيىنگەن بولۇپ، قارىماققا ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقى يوق ئىكەن. ئۇلار كىشىلەر توپىغا ئاسانلا سىڭىپ كېتەلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلەن ھەرىكىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

تەپسىلاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى كىرىستىيانو رونالدونىڭ جىنايەت شايكىلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ يەتكۈزگەندىن كېيىن بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن كىرىستىيانو رونالدو ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتكەن.


分享到: