新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە3Dئۇيۇنى ئويناشتا يەنىلا جانلىق بۇلۇشقا توغرا كىلىدۇ

发表时间:2022-01-27 12:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، 3D ئويۇنى 25 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى باشلاندى، بۇ سانسىزلىغان لاتارىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىلىرىدا يەككە دو تىكىشتىن باشقا، خالىغان بىر خىل دو تىكىش ئويۇنىدا« تاق تاللاش» ، « ئۈچنى تاللاش» ، « 6 نى تاللاش» تەك ئۈچ خىل ئويناش ئۇسۇلى بويىچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغانلار، ئوتتۇرا دەرىجىلىك« يەككە تاللاش» مۇكاپات تارقىتىش 460 يۈەن مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ ۇكاپات تارقىتىش مەزگىلدە مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 1500 يۈەن بولىدۇ) ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك« 3-گۇرۇپپىنى تاللاش» مۇكاپاتىنىڭ يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 154 يۈەنۇكاپات تارقىتىش مەزگىلدىكى مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 500 يۈەن « 6 نى تاللاش» مۇكاپاتى 79 يۈەنۇكاپات تارقىتىش مەزگىلدىكى مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 252 يۈەن).

تەھرىردىن ئىگىلىنىشىچە، 3D ئويۇنى ئوينايدىغان بەزى لاتارىيەچىلەر پەقەت تاق تاللاش، ئۈچ گۇرۇپپا، ئالتە گۇرۇپپا يەككە دو تىكىش ئۇسۇلىنى تاللىغان بولۇپ، قايتىلانما، باۋدەن، خېۋېي، كۇۋادۇ قاتارلىق دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانمايدىكەن. ليۇ ئەپەندى دەل مۇشۇنداق تىپىك «كونا ئۈچ خىل شەكىل» نىڭ ۋەكىلى، يەككە تاللاش، گۇرۇپپا ئۈچ، گۇرۇپپا ئالتە خىل شەكىلدە دو تىكىش ئۇنىڭ چوقۇم تاللىشى، باشقا دو تىكىش ئۇسۇلىنى ئەزەلدىن سىناپ باقمىغان، ساتقۇچى قايتا-قايتا باشقا دو تىكىش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ليۇ ئەپەندى پەرۋا قىلمىغان.

مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى باشلانغاندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى باشقا لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپات پۇلىنىڭ 1040 يۈەندىن 1500 يۈەنگە، 173 يۈەندىن 252 يۈەنگە، 346 يۈەندىن 500 يۈەنگە كۆپەيتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى. مول مۇكاپاتنىڭ تۈرتكىسىدە، ليۇ ئەپەندى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا لاتارىيەچىلەر بىلەن نومۇر تەتقىق قىلىپ، باشقا ئۇسۇللار بىلەن دو تىكىپ سىناپ باققان. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، 3D ئويۇن 2022015-قاراردا، ليۇ ئەپەندى 2 كۇۋانى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغان، لاتارىيەچىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئۇ يەككە تاللاش ئارىلىقى 2 ھەسسە ئارتۇق دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نەتىجىدە 3000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا 1 دو تىكىش يەككە تاللاش تەكرار دو تىكىش لاتارىيىسىدىنمۇ مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 1500 يۈەن بولدى. ليۇ ئەپەندى شۇ كۈنى جەمئىي 4500 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، ئىنچىكە ھېسابلاپ بېقىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن مىڭ نەچچە يۈەن كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ باشقا لاتارىيەچىلەرگە مۇنداق دېدى:«3D نى ئويناشتا يەنىلا جانلىق بۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ، يېڭى ئۇسۇل قوللانغاندىلا، ئاندىن يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.»-دېدى.

分享到: