新闻详情

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى زادى قانداق ئىش؟

发表时间:2022-02-24 19:20作者:ئەلكۈيى来源:سوخۇ

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 24-چېسلا سەھەردە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، دونباس رايونىدا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى قارار قىلغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ ئاسمىنىدا نەچچە قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئوكرائىنانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

بۈگۈن تارتىلغان ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدىكى كوچا مەنزىرىسى. شۇ كۈنى كىيېۋدا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى / ئامېرىكا بىرلەشمىسى

بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيە ئارمىيەسى خاركوۋ ئىشتاتى چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى، كىيېۋ بىلەن خاركوۋ ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئورنى راكېتا بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

مىللىي قوغدىنىش قىسمىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابى بىتچىت قىلىنىپ، پايتەخت كىيېۋدا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى، ئۇكرائىنانىڭ ئالىي رادا (پارلامېنت) ئۇكرائىنانىڭ پۈتۈن چېگراسى بويىچە ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىش قارارىنى ماقۇللىدى. پايتەخت كىيېۋدا مېترو ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، مېترو بېكىتى ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۆڭكۈرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى جىددىي ھالەتكە كىرىپ، بارلىق ھەربىي كۈچ ۋە ئالاھىدە قىسىمنى سەپەرۋەر قىلدى.

ئۇكرائىنا باش ئىشتابى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 5 تىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە ھەربىي ئايرودۇرۇملارغا زەربە بېرىشكە باشلىدى.

ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.


ئۇنداقتا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى زادى قانداق ئىش؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ باش-ئايىغى

01

باشلىنىش

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسى 2014-يىلى باشلانغان. شۇ چاغدىكى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ۋىكتور يانۇكوۋىچ« رەڭ ئىنقىلابى» دا تەختتىن چۈشكەن، غەرب پەرەس ھۆكۈمەت ئۇكرائىنادا ھوقۇق تۇتقان. قىرىم رايونى پۇقرالارنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. دونېچىك ئوبلاستى، لۇگانسىك ئوبلاستى تۇرۇشلۇق دونباس رايونىدا ئەل ئىچى قوراللىقلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئارقىدىنلا« دونېچىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» ۋە« لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ دونېچىك شەھىرىدىكى سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلىدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى 2-چېسلا ئۆزى كونترول قىلغان« دونېچىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» ۋە« لۇگانىسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى» دە رەھبەرلەر ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، يېرموچېنكو فوتوسى


خەلقئارا ياراشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ 2014-يىلى 9-ئايدا ۋە 2015-يىلى 2-ئايدا بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنسكتا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش كونترول قىلىنغان، لېكىن كىچىك كۆلەملىك ئېتىشىش پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان.

بايدىن تەختكە چىققاندىن كېيىن رۇسىيەگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللاپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ياردەم بەرگەن. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى، قىرىمنى قورال كۈچى بىلەن« قايتۇرۇۋېلىش» ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا بولغان« تاجاۋۇزچىلىقى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلدۈرگەن.


بۇلتۇر 11ئايدىن بۇيان، ئۇكرائىنا بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن چېگرالىنىدىغان رايوندا نۇرغۇن قوشۇن توپلىدى، ئۇكرائىناغا« تاجاۋۇز قىلىشى» مۇمكىن، دېدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى« رۇسىيە تەھدىتى» نى ئۈزلۈكسىز كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، رۇسىيە ناھايىتى تېزلا ئۇكرائىناغا« تاجاۋۇز قىلىدۇ» دەپ جار سالدى.

02

تاقابىللىق

رۇسىيە« تاجاۋۇزچىلىق تەلىماتى» نى كۆپ قېتىم ئىنكار قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى رۇسىيە چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، دەپ تەكىتلىدى. رۇسىيە بۇلتۇر 15-دېكابىر ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك كاپالەت كېلىشىمى لايىھەسىنى تاپشۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، مەزمۇنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يەنىمۇ شەرققە كېڭىيىشىنى توختىتىش، ئۇكرائىنانى ئەزا قىلىشقا قوبۇل قىلماسلىققا ۋەدە بېرىش، ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ھەربىي بازا قۇرماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا رۇسىيەگە بىخەتەرلىك كاپالىتى توغرىسىدىكى تەكلىپلەرگە يازما جاۋاب تاپشۇرۇپ، ئۇكرائىنانى قوبۇل قىلماسلىق، رۇسىيە چېگراسىنىڭ ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق قاتارلىق يادرولۇق تەلەپلەرنى رەت قىلدى. شۇ ئاينىڭ 28- كۈنى، پۇتىن غەربنىڭ رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىدىن ئىبارەت« تۈپ ئەندىشىسى» گە سەل قارىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

2021ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدا تانكا ھەربىي پاراتتا سەپ تۈزۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى، ئۇكرائىنا پايتەخت كىيېۋدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، مۇستەقىللىقنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، سېرگېي سىتالاسجيەنكې فوتوسى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەربىي ياردەم بەردى. بۇلتۇر 12-ئايدا بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىشنى تەستىقلىغان. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرقىي ياۋروپادىكى ئەزا دۆلەتلەرگە قىسىم، ھەربىي پاراخوت ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. 2- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئامېرىكا گېرمانىيە، پولشا ۋە رۇمىنىيەگە جەمئىي 3000 ھەربىي ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار ھەربىي مانېۋىرنى قانات يايدۇردى. 17-يانۋار، رۇسىيە ئارمىيەسى بېلارۇسىيەگە يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە، بېلارۇسىيە دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى چوڭ تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە بېلارۇسىيە چېگراسى ئىچىدە« ئىتتىپاق ئىرادىسى-2022» بىرلەشمە مانېۋىرىنى باشلىدى.

2-ئاينىڭ 19-كۈنى، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ« ئىتتىپاق ئىرادىسى-2022» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى بېلارۇسىيەنىڭ ئوبز-لېسنوۋسكى قارىغا ئېتىش مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، رېن كوۋ فوتوسى)

ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇكىدەك دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئۇرۇندى. 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا« نورماندى ئەندىزىسى» تۆت تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلىدى. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلدى، گېرمانىيە زۇڭلىسى ئولاف شولتىز ئامېرىكا، ئۇكرائىنا، رۇسىيەنى زىيارەت قىلدى.

03

دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، « لۇگانىسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى» ۋە« دونېچىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» دە، خەلق قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا زەمبىرەك ئۇرۇشى يۈز بەردى. 18-چېسلا، بۇ ئىككى رايوننىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: بۈگۈندىن باشلاپ، رۇسىيەدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى كەڭ كۆلەمدە مەركەزلىك تارقاقلاشتۇرىمىز. رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى روستوۋ ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت 19-چېسلا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىن ئېقىپ كىرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشقانلىقتىن، شۇ جاينىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

19-فېۋرال، مۇساپىرلار رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى روستوۋ ئىشتاتىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، سۋېتلانا فوتوسى

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 19-فېۋرال مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئەسكىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئېتىشىشتا قازا قىلدى.

رۇسىيە ھەربىي تەرەپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنادىن رۇسىيەگە يوشۇرۇن كىرگەن« بۇزغۇنچى» لارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ئۇكرائىنا بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى.

21-فېۋرال، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك يىغىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم ۋەزىيىتى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. پۇتىن ئارقىدىنلا« دونېچىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» ۋە« لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» نى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى« جۇمھۇرىيەت» بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا بۇيرۇق چۈشۈردى، رۇسىيە دۆلەت قوراللىق كۈچلىرىنى ئىككى جاينى تىنچلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشقا بۇيرۇدى.

جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇكرائىنادىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

1. جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كونتروللۇقىنى يوقاتسا، بولۇپمۇ شەھەردە ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندە، چوڭ كوچىدا مېڭىش ھۇجۇمغا ئۇچراش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى، قاتناش ھەر ۋاقىت توسۇلۇپ قېلىشى، ئالدىراپ-تېنەپ سىرتقا چىقىش كونترول قىلغىلى بولمايدىغان خەتەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، دېرىزە ۋە ئەينەكتىن يىراق تۇرۇپ، تاسادىپىي زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلسە، چوقۇم سوغۇققان بولۇپ، ھەممە ئىشتا جىسمانىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەمدە شۇ جايدىكى كۈچلۈك تارماقلار بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىش كېرەك.

2. شۇ جايدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە تونۇش دوستلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش. ئەگەر تور ئۈزۈلۈپ قالسا، توك ئۈزۈلۈپ قالسا، يان تېلېفون سىگنالى ئۈزۈلۈپ قالسا، ھودۇقماسلىق كېرەك، خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەلچىخانىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئۈندىدارئاممىۋى نومۇرى ۋە ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئەڭ ئاۋۋال دىققەت قىلىش كېرەك.

3. ماشىنا ھەيدەپ ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىققاندا ، يول بويىدا ماي قاچىلاشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە ئامالسىز قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش . ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ ئېنىق يېرىگە جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى چاپلاش كېرەك.

4. ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش، ھەمدە شۇ جاي ئېلان قىلغان بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىگە دىققەت قىلىش، ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان رايونغا بارماسلىق كېرەك.

5. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە، سىرتقا چىققاندا جۇڭگولۇق قېرىنداشلارنىڭ بۇ خىل روھنى جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ئۆزئارا تىرىشىپ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوبرازى ۋە جۇڭگونىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئۇكرائىنادىكى جۇڭگو كارخانىلىرى، ئۇكرائىنادىكى مول خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە جۇڭگولۇق سودىگەرلەر، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى قاتارلىقلار تەجرىبىسى ئاز باشقا قېرىنداشلارغا، بولۇپمۇ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىشى كېرەك. قىيىن پەيتلەردە، ئۆزئارا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەڭ مۇھىم.

6. كۆپچىلىك ئىدىيە جەھەتتە ھودۇقماڭلار. ئەلچىخانا كۆپچىلىك بىلەن بىللە بولىدۇ ھەمدە كۆپچىلىك يولۇققان مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىدۇ.


分享到: