新闻详情

سانجىدىكى لاتارىيەچى 3D ئۇيۇنىدا 20800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-03-07 18:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ «قارا! ئامەت يەنە كەلدى». 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، لى ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى. بۇ، سانجىدىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندىنىڭ 2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى كۈتۈۋالغان يەنە بىر تەلىيى بولۇپ، يەككە شەكىلدە ھەسسىلەپ ئېرىشكەن 3D مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ 20800 يۈەنگە يەتكەن.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لى ئەپەندى سانجى شەھىرىدىكى 65230249 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، 3D ئويۇنىغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بار ئىكەن، ھەر قېتىم نومۇر بېكىتىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ياخشى تەتقىق قىلىدىكەن، شۇ كۈنى ئۇ 3D ئۇيۇنى يۆنىلىشىدىكى مۇكاپات نومۇرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، 865 ۋە 875 دىن ئىبارەت بۇ ئىككى دو نومۇرىنى تاللاپ چىققان، بەلكىم بۇ نۇمۇرنى ياخشى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ شۇ ھامان بۇ ئىككى دو نومۇرىنى 20 ھەسسە قىلىپ دو تىككەن. بەختكە يارىشا، 3D ئويۇنىنىڭ 2022046-قارار مۇكاپات نۇمۇرى 875 بولغان.

« كەچتە 3D مۇكاپات نەتىجىسى چىقىشى بىلەنلا، مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىدىنمۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىرەيلەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ماڭا نىسبەتەن بىر خىل ئىلھام بولدى، ئارقىدىن مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى لى ئەپەندىگە ئۇقتۇرۇش قىلدىم، يەنە دوستلار چەمبىرىكى ۋە QQ توپىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرنى ھەمبەھىرلىدىم، كەڭ لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئۆز بەختىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى 65230249 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى خۇشال ھالدا.

لى ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا، ئۆزىنىڭ 65230249 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى كونا لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تەلەيلىك لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىكەنلىكىنى، دائىم نەچچە ھەسسە كۆپ دو تىككەنلىكى ئۈچۈن، مۇكاپات سوممىسى ئاساسەن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بۇلىۋاتقانلىقىنى، ئاساسىي جەھەتتىن بىر مەزگىلدە بىر سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قېتىم 20800 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ئىكەن، ۋە شۇنداقلا بەخت تۇيغۇسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىغا نىسبەتەن لى ئەپەندى مۇنداق دېدى:«بۇ ئويۇن ئاددىي، قىزىقارلىق، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، مۇكاپاتقا ئېرىشسىمۇ باج تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ تۇرمۇشنى تەڭشەشتىكى تاللاش، ھەر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشسە بىر قېتىملىق بەخت تۇيغۇسى بولىدۇ، لېكىن ھەر قېتىملىق تەسىرات ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىشكە كەلسەك؟ يەنىلا ئاۋۋال ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن دېيىشەيلى.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)

分享到: