新闻详情

ئۇلار «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 47880 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-03-11 10:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭ رايونىدىكى لاتارىيە بازىرىدا بازارغا سېلىنغىنىغا ئاران بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ۋە خۇشاللىقى بىلەن كەڭ لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە «دەنتو» نىڭ بازارغا سېلىنىشى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، شياۋ ۋاڭ بىلەن شياۋليۇ فۇكاڭ شەھىرىدىن بولۇپ، فۇكاڭ شەھىرىدىكى 65230204 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئۇچراشقان، ھەممىسى 35 ياش ئەتراپىدا، ئوخشاش بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قىزىقىشى بار بولۇپ، دائىم ئۆزئارا نومۇر تاللاش تەجرىبىسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشەتتى.

ئىككىيلەننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 2021 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپلا «شادلىق 8» ئويۇنىنى بىرلىشىپ سېتىۋالىدىغان «ئالتۇن ھەمراھلار» دىن بولغان. ھەمكارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىككىيلەن « بەشنى تاللاش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەممىنى ئارقىغا سوزۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرىنچى قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەن بولغان.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، « ئالتۇن ھەمراھ» لار «شادلىق 8» گە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارغان. شياۋليۇ مۇنداق دېدى: « ھەممەيلەن <شادلىق 8> ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىمىز، ئىككىمىز ئاساسلىقى دەنتونى بىللە سېتىۋېلىشنى تاللىدۇق، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ، چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارمۇ چۈشۈپ قالمايدۇ» . شياۋ ۋاڭ مۇنداق دېدى:« <شادلىق 8> ئويۇنى دەنتونى بىرلىشىپ سېتىۋېلىشتا، لاتارىيە سېتىۋېلىش سېلىنمىسى مۇۋاپىق، قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، ئادەتتە مۇكاپات چىقىش ياكى چىقماسلىق بۇلۇپ تۇرىدۇ، مۇھىمى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ-دېدى.

2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، «ئالتۇن ھەمراھ» لار ھەمكارلىشىپ لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى ئىككىنچى قېتىملىق مۇكاپاتنى كۈتۈۋالدى. «شادلىق ئۇيۇنى 2022041-قاراردا « يەتتىنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلى بويىچە دەن لىيۈ تو 30 ،دەنمانىڭ ھەممىسى چىققان، تومادىن 4 تى چققان، مۇكاپات سوممىسى 47880 يۈەن بولغان. گەرچە 47880 يۈەن مۇكاپات چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيلەنگە ئەپسۇسلاندى، ئادەتتە ئىككىيلەن دەنمانى بېكىتكەندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسىنى توما قىلىپ دو تىكەتتى، پەقەت بۇ قېتىملا 30 دانە توما تاللىغان، ئەسلىدە 157280 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشلەيتتى، نەتىجىدە دەنما تۇلۇق چىقىپ تومادىن تۆتى چىققان، مۇكاپات سوممىسى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن.

2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىن مۇكاپات ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، «ھەمراھ» لار پاراۋنلىق لاتارىيە پونكىتىغا قايتىپ كەلدى، شياۋليۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«بەلكىم بۇ ئىرادە بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە دەنمانى بىكىتىپ قالغىنىنى توما قىلىپ دو تىككەتتۇق، پەقەت مۇشۇ قاراردا 88 يۈەن تېجەش سەۋەبلىك، 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مۇكاپاتتىن قۇرۇق قالدۇق»، شياۋليۇ تەسەللى بېرىپ: ـــ «ھېچقىسى يوق ئاغىنەم، تەقدىر ئىككىمىزگە ناھايىتى ئادىل ، گەرچە 100 مىڭ يۈەن زىيان تارتقان بولساقمۇ، قانداقلا بولمىسۇن 40 نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق، كۆڭلۈم ناھايىتى خۇشال بولدى.»-دېدى.

ۇكاڭ جاڭجيەنشېڭ)


分享到: