新闻详情

قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى يىڭى بىلەت تۈرىدە كاتتا مۇكاپات چىقتى

发表时间:2022-03-22 11:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

2022 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى شىنخۇ باش مەيدانى 65452312 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، ئامەتلىك لاتارىيەچى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «تىرىشىپ مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ» لاتارىيە بىلەت تۈرى 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 300000 يۈەن بولدى.

تىرىشىپ مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ» 1-دەرىجىلىك 300 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بولۇپ، بىكار ۋاقتى بولسىلا 65452312 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەتتى، ۋە باشقا لاتارىيەچى دوستلار بىلەن «شادلىق 8»، «3D»، «قوش رەڭلىك توپ» قاتارلىق ئويۇنلارنىڭ نومۇرلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

مۇكاپات چىققان شۇ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيەچى دوستلار بىلەن «شادلىق 8» نومۇر قايسى رايونغا ئېغىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىر لاتارىيەچى دوست بىر بولاق «تىرىشىپ مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ» قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى ئېلىپ كېلىپ:« كېلىڭلار، كېلىڭلار، ئۆزىڭىز تاللاپ قېرىڭ»-دېدى. ۋاڭ ئەپەندى قاتارلىق ئۈچ نەپەر لاتارىيەچى بىرلىشىپ لاتارىيە بىلىتىنى ئۈلەشتى ۋە قىرىشقا باشلىدى. ۋاڭ ئەپەندى ئۈچىنچى پارچە « تىرىشىپ مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ» قىرىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز توۋلاپ كەتتى:«تەڭرىم! قاراڭلار، ماڭا 300 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى!»-دېدى، يېنىدىكى لاتارىيەچى كۈلۈپ تۇرۇپ: «پو ئاتماڭ، ئىلگىرى بىر مىليون يۈەن مۇكاپات چىقتى دەيتتىڭىز، بۈگۈن ھەجەپ 300 مىڭ يۈەن بۇلۇپ قاپتىغۇ! ھا ھاھا» -دېدى. ۋاڭ ئەپەندىۇ قېتىم راستتىنلا پو ئاتمىدىم، ھەقىقەتەن كاتتا مۇكاپات چىقتى!!»-دېدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى قاپلىدى. 300 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاڭ ئەپەندى بىر ساندۇق قىزىل كالا ئىچىملىكى ۋە بىر بولاق تاماكا سېتىۋېلىپ لاتارىيەچى دوستلار بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

ئەتىسى سەھەردە، ۋاڭ ئەپەندى ئالدىراپ ـ تېنەپ سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىگە كېلىپ، مۇكاپات ئالدى، 65452312 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچىمۇ خۇشاللىقىدىن پونكىتىنىڭ ئىشىكىگە لوزۇنكا ئېسىپ، كۆپچىلىككە كاتتا مۇكاپات خوشاللىقىنى يەتكۈزدى.

پاراۋانلىق لاتارىيەسى تىرىشىپ مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ» ناملىق يۈرۈشلۈك بېلەتكە قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، مۇز توپ، تېز تېيىلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل بېلەت يۈزى لايىھەلەنگەن بولۇپ، تۆت خىل قار-مۇز تۈرىگە چېتىلىدۇ، جانلىق قول سەنئەت بىلەن پېرسوناژلارنى سىزىش ئارقىلىق، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئادىل ئولىمپىك روھىنى يەتكۈزىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، ھەر بىر پارچە لاتارىيە بىلىتىنىڭ قىممىتى 10 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەن، بازاردىكى ئاساسىي ئېقىم ئويناش ئۇسۇلى-نومۇر سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

ئاخىرىدا تەھرىر بارلىق لاتارىيىچى دوستلارنىڭ يولۋاس يىلىدا شەرەپ قۇچۇپ، كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىششىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

分享到: