新闻详情

تاكسى شوپۇرى ۋاڭ ئەپەندى 242945 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-14 11:36作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

2022 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچتە، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022036 ـ قارار مۇكاپات تارقىتىلدى. شۇ قاراردا مەملىكەت بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات 7 دو، 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات 110 دو چىقتى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى بىر تاكسى شوپۇرى خۇشاللىق ئىچىدە بىر دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 242945 يۈەن بولدى، مۇكاپات چىققان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى فۇكاڭ شەھىرى خۇاڭجىن جۈ ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى 65230156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچى 30 ياش ئەتراپىدىكى تاكسى شوپۇرى ۋاڭ ئۇستام بولۇپ، ۋاڭ ئۇستام ئادەتتە تاكسى ھەيدەپ خېرىدار تارتىشتىن باشقا، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئىكەن، ئۇنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇسلۇبى بولسا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە ماشىنا توختىتىشقا قولايلىق بولسا پونكىت ئىچىگە كىرىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قارارلىق لاتارىيە سېتىۋېلىش مەبلىغى 30 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، « 7 + 1» ياكى« 8 + 1» دېگەندەك كىچىك تىپتىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئادىتى بار ئىكەن.

4- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچ سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاڭ ئۇستام ئاپتوموبىلدىكى مېھمانلارنى خۇاڭجىن جۈ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنى 65230156 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىتىپ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ئۇدۇل پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردى. ۋاڭ ئۇستام ئالدىنقى قاراردا چىققان « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ مۇكاپات نومۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئالدىنقى قاراردا سېتىۋالغان « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ سېلىشتۇرۇپ، مۇكاپات چىقمىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن قائىدە بويىچە دو تىككەن « 7 + 1» كىچىك مۇرەككەپ لاتارىيە بېلىتىنى قايتىدىن بىر قېتىم دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىراپلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى. بەلكىم ماشىنا ھەيدەپ پۇل تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھالەت ۋاڭ ئۇستامغا ئامەت ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

ماشىنا ھەيدەپ پۇل تېپىش ئالدىراش ۋە جاپالىق بولغاچقا، ۋاڭ ئۇستام بىر ھەپتىدىن بۇيان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمىغان ئىدى، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۇ بىر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ، پونكىت ئىچىگە كىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قېتىم سېتىۋالغان قوش رەڭلىك توپ« 7 + 1» كىچىك مۇرەككەپ لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلدى. بىر يىلغا يېقىن ساقلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئۇستام ئاخىرى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 240 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

ۇكاڭ جاڭ جيەن شېڭ)

分享到: