新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىدا 400 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-18 12:27作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «ئون ھەسسە ئامەت» ئىزچىل شىنجاڭنىڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بىلەت تۈرلىرى ئىچىدىكى « چولپان» بېلەت تۈرى بولۇپ، بازارغا سېلىنىپ سېتىلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شىخەنزىدىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى «ئون ھەسسە ئامەت» نىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىرى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىغا كىرسىلا «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بىلىتىدىن بىر نەچچە پارچە سېتىۋالىدۇ.

29-مارت كەچتە كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، ۋاڭ ئەپەندى ئادەت بويىچە سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بۇلۇپ سىرتقا چىقتى، يېقىن ئەتراپتىكى 6503005 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، ئىككى لاتارىيەچىنىڭ «شادلىق 8» ۋە « قوش رەڭلىك توپ» نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇندىلا شۇ كۈندىكى «قوش رەڭلىك توپ» نىڭ مۇكاپات ئېچىلىش كۈنى ئىكەنلىكى ئېسىگە كىلىپ، پارۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەلدى، بىر پارچە «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بىلىتىگە دو تىككەندىن كېيىن، ياندىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى كۆرگەزمە قېپىدىن بىر نەچچە تال لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ قىرىشقا تەييارلاندى، تاللىغان چاغدا قۇتىنىڭ ئىچىدە يەنە ئىككى تال ئېشىپ قالغان «ئون ھەسسە ئامەت» نى كۆرۈپ بىللە سېتىۋالدى.

ئۇزاق ئۆتمەي ۋاڭ ئەپەندى تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، ھاياجىنىنى يوشۇرالماي ئۈستەل ئۈستىدىكى «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بىلىتىنى ئېلىپ ساتقۇچىغا كۆرسەتتى. مال ساتقۇچى بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، بۇ لاتارىيە بىلىتىنىڭ ئالاھىدە يېرىنى بايقىمىدى، ۋاڭ ئەپەندى دەرھال مۇكاپات نومۇرى «31» نىڭ مېنىڭ نومۇرىم ئىچىدە پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسەتتى، بىر قاراپلا ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مال ساتقۇچىمۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى. سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، مال ساتقۇچى خادىم ۋاڭ ئەپەندىگە جەزملەشتۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ، 400 مىڭ يۈەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى، ۋاڭ ئەپەندى خۇشال بولغىنىدىن لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ ئۆيىدىكىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزگىلى كەتتى.

6503005 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا «ئون ھەسسە ئامەت» 400 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپات چىققانلىقى خۇش خەۋەر تېزلا تارقىلىپ كەتتى، كۆپچىلىك كىمنىڭ بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى پەرەز قىلغاندا، ۋاڭ ئەپەندى ساتقۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن ۋاڭ ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « مېنىڭچە لاتارىيە سېتىۋېلىش بىر تەرەپتىن كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق مېھىرۇھەببەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن دەپ قارايمەن، بۇ قېتىم مۇشۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مەن داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋالىمەن بەختنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

(شىخەنزە جاڭفەن)


分享到: