新闻详情

لاتارىيەچى «چىلېسەي» ئويۇنىدا 12244 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-18 18:03作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ئاپرېل شامىلى خۇددى ئانىنىڭ قولىغا ئوخشاش زېمىننى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتۈپ، زېمىننى يېشىللىققا پۈركىدى، ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، باھار مەنزىرىسى ئۇرغۇپ تۇرغان، باھار شامىلى چىقىپ تۇرغان بۇ كۈنلەردە يەنە بىر خىل خۇشال ئاۋازى كەلدى، ئۇ بولسىمۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى دوستىمىز بەختنىڭ قولىنى تۇتتى.

2022 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى كەچتە، «چىلېسەي» ئويۇنى 2022037-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، سانجى شەھىرى 65230111 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن لاتارىيەچىنىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالدى. ئىگىلىنىشىچە، سانجى شەھىرى 65230111 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى تىجارەت باشلىغىنىغا بىر يىل بولغان يېڭى پونكت بولۇپ، مال ساتقۇچى شۈ خانىم پاراۋانلىق ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ ئاتلانغان، گەرچە يېڭى پونكت بولسىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەر ئاز ئەمەس ئىدى،كونا-يىڭى لاتارىيەچىلەر ئىشى بولمىسىلا پونكتقا كېلىپ ئايلىنىپ تەلەي سىناپ باقاتتى.

مال ساتقۇچى شۈ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سىرلىق كونا لاتارىيەچى بولۇپ، ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتاىيە پونكىتىغا كىرىپ لاتارىيە سېتىۋېلىپ جىق تۇرمايلا پونكتتىن ئايرىلىدىكەن، جاڭ ئەپەندى ھەر قېتىم «چىلېسەي» بىلەن «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا بىرلىكە دو تىكىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدىكەن. بۇ لاتارىيەچىنىڭ ئالاھىدە نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بار بۇلۇپ: « قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات نومۇرىدىن پايدىلىنىپ «چىلېسەي» گە ياكى ئوخشاش نومۇرنى تاللاپ بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئويۇنغا دو تىكىدىكەن. گەرچە ناھايىتى سىرلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دائىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ شۈ خانىمغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئۆتكەن يىلى يەنە «قوش رەڭلىك توپ» ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، بۇ سىرلىق لاتارىيەچى 65230111 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇرەككەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا « قوش رەڭلىك توپ» ۋە «چىلېسەي» گە دو تىككەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن «چىلېسەي» ئويۇنىدا 12244 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 7-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەر ئەتراپىدا، تەھرىر سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بۇ سىرلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، جاڭ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن:« ئۆزۈم <چىلېسەي> ئويناپ كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كەلگەن ئىدىم، بۇ قېتىم كاتتا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، دو تىككەندە ئەسلىدە دو تىككەن بىر نومۇر 06 ئىدى، تۇيۇقسىز 06 نى 07 گە ئالماشتۇرغان ئىدىم، بولمىسا تېخىمۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەتتىم، ئازراق ئەپسۇسلىنىمەن، لېكىن ئون مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتنى ئويلىسام، كۆڭلۈم يەنىلا تاتلىق بولىدۇ-دېدى.

جاڭ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيە ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سانجى سۈن شۇرېن)

分享到: