新闻详情

قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

发表时间:2022-04-27 18:21作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

باھار شامىلى يېشىللىقنى ئېلىپ كەلدى، بۇ دەل كۆچەت تىكىشنىڭ دەل ۋاقتى ئىدى. «كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ۋەتەننى كۆكەرتىش» قا پائال ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى خادىملارنىڭ ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى تەشەببۇس قىلدى. قاراماي شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن «كۆپچىلىك پاراۋانلىقى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتى» 4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى قاراماي شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدا كۆپچىلىك پاراۋانلىقى بويىچە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 15 كىشى 60 تۈپ كۆچەت تىكىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش، يېشىللىقنى سۆيۈش مەدەنىيەت يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

كۆچەت تىكىش نەق مەيدانىدا، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى، ئۇلار ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلاشتى، ئۆزئارا ماسلاشتى، بەزىلىرى گۈرجەك بىلەن ئورەك كولىدى، بەزىلىرى دەل ـ دەرەخلەرنى توپا بىلەن تىندۇردى، بەزىلىرى كۆچەتلەرنى توشۇدى، بەزىلىرى كۆچەتلەرنى ئوغۇتلىدى، ئاندىن كۆچەتلەرنى سۇغاردى. بىر چۈشتىن بۇرۇن جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، بىرلىشىپ تىككەن كۆچەتلەر رەتلىك تىزىلىپ، شامالدا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىياپەت شەكىللەندى، بۇ كۆچەتلەرگە قاراماي لاتارىيەچىلىرى قاقاس تاغقا يېڭى يېشىللىق ئاتا قىلىپ، باھار شامىلىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى سىمۋول قىلغان بۇلۇپ، كۆپچىلىك ئىنتايىن خۇشال بولدى، غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

بۇ قېتىمقى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى، ئېكولوگىيە ئېڭى كۈچىيىپلا قالماي، يەنە ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە كوللېكتىپ روھى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ياخشى بولغان كۆپچىلىك پاراۋانلىقى ئوبرازى نامايان قىلىندى. (قاراماي جاڭچى)

پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى گۈرجەكنى ئېلىپ، چېلەكنى كۆتۈرۈپ خۇشاللىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ «زېمىنى» غا قاراپ ماڭدى.

سىز دەرەخنى ئەستايىدىل يۆلىدىڭىز، بىز تۇپراقنى كۈچەپ تازىلىدۇق، كۆپچىلىك ھەمكارلىشىپ بىر تۈپ كۆچەت تىكتۇق.

چاڭ ـ توزان كۆتۈرۈلگەندە، تەڭلا كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، كۆچەت تىكتى.

«پاراۋانلىق لاتارىيەسى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىش»، بىز قاراماي پاراۋانلىق لاتارىيەسى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتى.

分享到: