新闻详情

لاتارىيە سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغان لاتارىيەچى 241750 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-04-28 18:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ئەگەر 3- ئايدىكى شامال باھار شامىلى دېيىلسە، 4- ئايدىكى شامال چوقۇم باھار شامىلى ئىچىدىكى ئەڭ ئىللىق شامال بولىدۇ، ئۇ قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى، تېخىمۇ مۇھىمى پارچە-پارچە يېشىل مەنزىرە مەنزىرىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. تۆتىنچى ئايدىكى بۇ مەيىن شامال باھار مەنزىرىسىلا ئەمەس، يەنە لاتارىيەچى دوستلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خۇش-خەۋەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى.

2022 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچ سائەت 22 دە، ماناس ناھىيەسىنىڭ شىخەي يولى 65230292 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 1 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 65230292 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى بولۇپ، ئىزچىل «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ كەلگەن بۇلۇپ، ئۇ ھەر قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغاندا ئوخشاش بىر لاتارىيەگە دو تىككىدىكەن، ئۇ «چىدامچان تىپلىق» لاتارىيەچى ئىدى. دائىم ئوخشاش بىر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە سېتىۋالغاچقا، ۋاڭ ئەپەندى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ مال ساتقۇچى بىلەن تونۇشۇپ قالغان.

4- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچقۇرۇن، ۋاڭ ئەپەندى قولىدىكى خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئىدى، تۇيۇقسىز 65230292 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچىنىڭ ئۈندىدارىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، مال ساتقۇچى شۇ كۈنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان- سېتىۋالمىغانلىقىنى سورىدى؟ مال ساتقۇچىنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن، ۋاڭ ئەپەندى شۇ كۈنى تېخى لاتارىيە بېلىتى ئالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىكى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى سېتىلىش ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتقان نومۇرغا داۋاملىق لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى.

شۇ قارار مۇكاپات ئېچىلغاندا، ۋاڭ ئەپەندى ساقلاپ كەلگەن 5 دو نومۇر ئىچىدىكى 1 دو نومۇردا 2-دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، يەنە 1 دو نومۇردا 6-دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 241750 يۈەن بولدى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا:«بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغىلى تاس قالدىم، ھېلىمۇ ياخشى مال ساتقۇچىنىڭ ئەسكەرتىشى بولغاچقا، تەلەيلىك ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. بۇ قېتىمقى مۇكاپات ئېرىشىشىم بىر يىلدىن بۇيان ئىزچىل لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىدىم بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتى سېتىۋىلىشتا چىڭ تۇرىمەن-دېدى.

(ماناس   يۈەن رۇنزې)

分享到: