新闻详情

لاۋياڭ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىدا 20000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-19 19:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، غۇلجا شەھىرى 65410130 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بىر لاتارىيەچى ئىككى يۈەنگە بىر پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى «ئالتۇن ساندۇق» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، تەلىي ئوڭدىن كىلىپ 20000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى لاۋ ياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بولسا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ھەۋەسكارى، ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقىدۇ. 4-ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتە، پېنسىيەگە چىققان لاۋ ياڭ چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ قەدىناس دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشماقچى بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن قەدىناس دوستى بىلەن بىر ھازا پاراڭلاشتى، ئاندىن نەزىرىنى ئۆزى ئامراق «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنىغا تاشلىدى.

شۇ كۈنى لاۋ ياڭ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى كۆرگەزمە ئىشكاپىغا قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئىككى يۈەنلىك «ئالتۇن ساندۇق» لاتارىيە بىلىتىدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسى قالغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۇ لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋېلىپ قىرىشقا باشلىدى، مۇشۇنداق قىسقا، تەكشى، تېز ھەرىكەت ئارقىلىق لاۋ ياڭ 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

لاۋياڭ:« مەن شۇنچە يىللاردىن بېرى نېمە ئۈچۈن <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ئويۇنىنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. مۇھىمى شۇكى، ھەربىر تال لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشتىن ئىلگىرى، سىز لاتارىيە يۈزىدىكى يوپۇقنىڭ ئاستىدا زادى نېمىلەرنى يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەيسىز، ئۇ دائىم كىشىگە يۈرەك سوقۇشنى ھېس قىلدۇرىدۇ!»-دېدى،

(ئىلى    ياڭخۇي)


分享到: