新闻详情

ئانچېلوتتىنىڭ خانلىق مادرىدتا ئېرىشكەن شەرەپلىرىگە نەزەر

发表时间:2022-06-10 13:19


ئانچېلوتتىنىڭ 63 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، خانلىق مادرىد ئورگان تەرەپ ئۇنىڭ ئىككى قېتىم كوماندىنى يېتەكلەپ ئېرىشكەن شەرەپلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىقتى.

ئانچېلوتتى 1959-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ رېگگىئولودا تۇغۇلغان، ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادرىدقا قايتقاندىن كېيىن ئىنتايىن قالتىس بىر مۇسابىقە پەسلىنى تاماملىغان ھەمدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە پۇتبول تارىخىدا ئىككى ئابىدە تىكلىگەن: تۇنجى بولۇپ ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمە (ئىسپانىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئېنگلاند ۋە فرانسىيە) چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ترېنېرغا ۋە تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر باش ترېنېرغا ئايلانغان.

ئانچېلوتتى 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە تۇنجى قېتىم خانلىق مادرىدقا باش ترېنېرلىق قىلغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنى خانلىق مادرىدتا ئېرىشكىلى مۇمكىن بولىدىغان بارلىق چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشتۈرگەن، ھازىرغىچە ئىتالىيەلىك بۇ باش ترېنېر خانلىق مادرىدنى يېتەكلەپ ئىككى قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىملىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىملىق ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىملىق شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىملىق ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.


分享到: