新闻详情

سانتوس: دۇنيادا رونالدونىڭ ئورنىنى باسالايدىغان توپچىنىڭ چىقىشى تەس

发表时间:2022-06-10 13:21

ھازىر 37 ياشقا كىرگەن رونالدو يەنىلا خېلى كۆپ توپ كىرگۈزەلەيدۇ، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالدى، قارىماققا پورتۇگالىيە رونالدونىڭ ئىزباسارىنى تېپىشى كېرەكتەك قىلىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئىپادىسىدىن قارىغاندا AC مىلان ھۇجۇمچىسى لېئاۋ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەن. لېكىن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى سانتوس بۇنداق قارىمايدىغان بولۇپ، ئۇ چېختىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىگە بېرىشتىن بۇرۇن: «ئۇلارنىڭ ئورنى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئىزباسارى... كىرىستىيانو رونالدونىڭ قانچە توپ كىرگۈزگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىنتايىن تەس، پورتۇگالىيەدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىمۇ ھەم شۇنداق» دېگەن. سانتوس يەنە مۇنداق دېدى: «خاراكتېر ۋە سەۋىيەسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لېئاۋ چوقۇم ئۆزى بولۇشى كېرەك. ئۇ ئەمدىلا 22 ياشقا كىردى، ئۇ پورتۇگالىيەنىڭ كەلگۈسى، كوماندا ئۇنىڭغا تايىنىدۇ».

ئالدىراش بىر مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن، ئېنگلاند بىلەن فىرانسىيە ناھايىتى چارچاپ كەتتى، ئۇلار ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلالمىدى، لېكىن پورتۇگالىيە ئىسپانىيە بىلەن تەڭلەشكەندىن كېيىن، 1:4 نەتىجە بىلەن شۋېتسارىيەنى يەڭدى. سانتوس مۇنداق دېدى: «ئەڭ مۇھىمى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش، بىز ئىشلىتەلەيدىغان مۇنەۋۋەر توپچىلار ناھايىتى كۆپ. بۇ مۇسابىقىدە بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بار، پۇقرالار بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدى، بىز چوقۇم مۇسابىقىنى ياخشى ئويناپ، مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ، كىشىلەرگە ئىشەنچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك».


分享到: