新闻详情

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي بازاردىن جەلپكار يېڭى شەھەرگە ئايلاندى

发表时间:2022-06-10 13:25

كۇچا شەھىرى:

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي بازاردىن جەلپكار يېڭى شەھەرگە ئايلاندى

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ باغچىسىدا سەيلە قىلىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن خۇشال - خۇرام بەھرىلەنمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

[ئىستون سۆزى]

ناھىيە بازىرى دۆلىتىمىز شەھەر - بازار سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكى، ئۇ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەمنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى، ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «ناھىيە بازىرىغا كىرىپ تەرەققىياتنى كۆرۈش» مەخسۇس ئىستونىنى ئېچىپ، يەرلىك رەھبەرلەر بىلەن يىرىك پىلان ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش، ناھىيە بازىرىنىڭ يەر بەلگىسىدىن تەرەققىياتنى كۆرۈش، رەقەمنى ماھىرلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ ئۇنىڭدىكى سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش، يۇقىرى بوشلۇقتىن پۈتۈن شەھەر قىياپىتىنى سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتىكى يېڭى نەتىجىلىرى ۋە ئادەمنى يادرو قىلىپ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋر ناھىيە بازىرى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

كومۇراجىۋا مۇنارى يېنىك دولقۇنلىنىپ تۇرغان كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، كۈسەن مەدەنىيىتى سۇ ئۈستىدىكى ئۇزۇن كارىدوردا نامايان بولۇپ تۇراتتى، ئەجدىھا شەكىللىك قېيىقلار نېلۇپەر، قومۇشلار ئارىسىدا ئازادە ئۈزۈپ يۈرەتتى، شارقىراتما سۈيى كەڭرى كەتكەن كۆل يۈزىدە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى... 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، كۇچا شەھىرىدىكى شىنتيەندى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى مەمتىمىن ئابلا ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى دۇڭخۇ باغچىسىغا كەلدى، ئۇلار يول بويى سەيلە قىلغاچ، سۈرەتكە چۈشتى.

كۆلىمى تەخمىنەن 750 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان دۇڭخۇ باغچىسىنىڭ ئەتراپىدا كۇچا شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونىدىكى قاتار - قاتار ئېگىز ئىمارەتلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يىراققا نەزەر سالساق، غەرب تەرىپى كۇچا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى، شەرق تەرىپى كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىدى. ھازىر بۇ تونۇش شۇنداقلا ناتونۇش شەھەر بارغانسېرى جەلپكار بولۇپ كەتتى، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى كۆپ يىل يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن مەمتىمىن ئابلا دائىم نەۋرىلىرىگە يىپەك يولى قەدىمىي بازار − كۇچادىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

قەدىمدە «كۈسەن» دەپ ئاتالغان دۆلەت داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى كۇچادا ھەربىر كىشى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەنىدى: تارىخقا نەزەر سالساق، تۆت چوڭ مەدەنىيلىك بۇ يەردە گىرەلىشىپ، دۇنياغا داڭلىق كۈسەن مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن؛ ئەۋزەللىكى ئۈستىدە توختالساق، شەرقتىن كىرگۈزۈپ غەربكە چىقىرىش، جەنۇب بىلەن بىرلىشىپ شىمالنى كېڭەيتىشتەك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت بايلىقى بىرقەدەر مول؛ ئۆزگىرىشنى تىلغا ئالساق، يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئىستىلنى ھەر ۋاقىت ھەممە يەردە كۆرگىلى ۋە ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ بۈگۈنگە نەزەر سالساق، مەنزىرە بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشقانىدى.

قەدىمىي ئاھاڭدىكى يېڭى ناخشىدا مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلدى

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ھەم ئۇزاق تارىخى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيىتى، ھەم زامانىۋى كوچا - رايونلىرى، مودا ئامىللىرىنىڭ بارلىقىنى؛ ھەم غەربىي قىسىم چېگرا بويىغا خاس ھەيۋەتلىك سالاپەتكە، ھەم جياڭنەندىكى سۇ يۇرتىغا خاس ئىللىقلىق، گۈزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.» يېقىندا، كۇچا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى سودىگەر چاقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇشىدا پۇياڭ شەھىرى ليەنجۇڭ شىڭيې خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ جۇڭسەي قاتارلىق كارخانىچىلار تۇنجى قېتىم كۇچاغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

كۇچانىڭ كوچىلىرىغا كىرگەندە، كۇچانى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى پات - پات ئاڭلىغىلى بولىدۇ، ناخشىلاردا ئەر - ئايال، ياشانغانلار، ياشلار مەدھىيەلىنىدۇ، ئادىمىيەت جۇغراپىيەسى سۆزلىنىدۇ، تۇتاش كەتكەن شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئاۋات مەنزىرىلىرى ئەسلىنىدۇ، مەززىلىك تائام، گۈزەل مەنزىرىلەر كۈيلىنىدۇ. ئاپتوموبىللارنىڭ ئاۋازىدىن ناخشا - ئۇسسۇل ساداسىغىچە، مەنزىرە رايونىنىڭ سىرتىدىن مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچىگىچە، يېڭى شەھەر رايونىدىن كونا شەھەر رايونىغىچە ھەممىسىنى پەقەت بىر يول، بىر بوسۇغا، بىر كىچىك كۆۋرۈك ئايرىپ تۇرىدۇ، ئەمما كىشىلەر خۇددى زامان - ماكاندىن ھالقىپ ئۆتكەندەك، مىڭ يىللىق قەدىمىي بازارنىڭ جەلپكار يېڭى شەھەرگە ئۆزگىرىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

قەدىمكى دەۋردە، كۇچا جەنۇبتىن كېلىپ شىمالغا بېرىشتىكى، شەرقتىن كىرىپ غەربكە چىقىشتىكى تۆت كوچا ئېغىزى ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت يولى 314 - لىنىيەسى، 217 - لىنىيەسى بۇ يەردە كېسىشىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى شەھەر رايونىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق بېيجىڭ، چېڭدۇ، شىئەن قاتارلىق ئالتە شەھەرگە بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ، بۇ جاي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، تاشيول گىرەلىشىپ كەتكەن يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىدىكى يىغىش - تارقىتىش ئورنى.

بۇنىڭدىن باشقا، كۇچا شەھىرى تەۋەسىدە مىڭئۆي، قەدىمىي قەلئە، تۇر قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 195 جايدا بار، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن جايدىن ئىككىسى، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 11ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 40ى، سەددىچىن سېپىلى بايلىقىدىن 22سى بار... بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى كۇچانى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى داڭلىق مەدەنىيەت - ساياھەت شەھىرىگە ئايلاندۇرغان.

بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، كۇچاغا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى» دەپ نام بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ تارىمنىڭ نېفىتى، تەبىئىي گازىنى ئېچىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، دۆلەتنىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسىگە ئايلاندى، ئۇ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن بەش چوڭ كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر كوكسلاش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا داڭلىق «جۇڭگو ئاق ئۆرۈك ماكانى».

ناھىيەدىن شەھەرگىچە سۈپەتلىك تۇرمۇش شەھىرى بەرپا قىلىندى

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۇچا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ياۋ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى دەم ئالمىدى، ئۇلارنىڭ يان تېلېفون ۋىيشىنىدىكى قەدەم سانى كۈندە 20 مىڭ قەدەمدىن ئاشتى. «ئامما رازى بولىدىغان سۈپەتلىك تۇرمۇش شەھىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز پۇتىمىز بىلەن ئۆلچەش، كۆزىمىز بىلەن بايقاش، قولىمىز بىلەن قۇرۇش» دېدى ۋاڭ ياۋ.

2019 - يىلى 12 - ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، كۇچادا ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلىنىپ، تەرەققىيات يېڭى دەۋرى باشلاندى. بۇ شەھەرنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن، كۇچا شەھىرى رەھبەرلىك بەنزىسى نۆۋەتمۇنۆۋەت ئالمىشىپ ئىشلەپ، بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە سىزىپ، كۆڭۈل قويۇپ بۇ شەھەرنى بەرپا قىلدى.

كۇچا كۈسەن ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، يىڭبىن چوڭ يولىنى بويلاپ شەھەر رايونىغا بارغاندا، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئىمارەت يوقلا يەرنىڭ ھەممىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ماڭغانسېرى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار قاتلاملىق تۇيغۇ بېرەتتى. سۇ باغچىسى، دەۋر باغچىسى، كوچا سەيلە باغچىسى، كىچىك باغچە ۋە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان يول، گىرەلىشىپ كەتكەن بىنالار «شەھەر ئورمان ئىچىدە، يول يېشىللىق ئىچىدە، ئۆي باغچە ئىچىدە، ئادەم مەنزىرە ئىچىدە» بولغان باغ - ئورمان شەھىرى يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى. يۆگىمە رەسىمدە كىشىلەر سىرتقا چىققاندا يېشىللىقنى، يۈز قەدەمدە ئورماننى، مىڭ قەدەمدە باغچىنى، ئون مىڭ قەدەمدە سۇنى كۆرەلەيدۇ.

كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىشتىن كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشكىچە، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش، ساپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىق بەرپا قىلىپ تولۇقلاپ كۆكەرتىش، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يەرلەرنى بوشىتىپ يېشىللىق بەرپا قىلىش، تامنى چېقىپ يېشىللىقنى نامايان قىلىش، يېشىللىقنى ئىستېرېئولۇق ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىغىچە، كۇچا دەرياسى شەھەر بۆلىكىدىكى سۇ سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن كونا شەھەر رايونىدىكى داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىنى قوغداشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقىچە، ئاقىل شەھەر باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىن تور دارېنلىرىنىڭ مەدەنىيەتسىزلىك ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىشىغىچە... ناھىيەدىن شەھەرگىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىدا، كۇچا شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشۈشنى ساقلىدى.

كۇچا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇ شەھەرنىڭ «چىرايلىق بولۇش، ياخشى بولۇش، كۈچلۈك بولۇش»ىنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلدى.

تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى بەھرىلەندۈرۈش. كۇچا شەھىرى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويدى. خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، كۇچا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى شۇ جايدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئىبارەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئالدىن تاللاپ، مەھەللىلەردە باھار شامىلى ھەرىكىتى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى جەلپ قىلدى؛ كۇچا شەھىرى سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش گۇرۇھى قۇرۇپ، «يەتتە چوڭ باشقۇرۇش مەركىزى»نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، مۇۋاپىق يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى...

كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلۇپ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى

يېقىندا، شىنجاڭ كۈسەنباي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىدىغان زاكازلار ئىزچىل ئۈزۈلمىدى، شىركەت ئىشلەپچىقارغان سېرىق ناۋاتلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇشىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن سىرت، تېخىمۇ مۇھىمى كۇچا شەھىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ زامانىۋى تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىققانلىقىدىن ئىكەنلىكى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ماھىرە ئابلەتكە ئايان ئىدى.

ماھىرە كۇچا كونا شەھەر رايونىدا چوڭ بولغان، ئىلگىرى چوڭلارغا ئەگىشىپ كىچىك دۇكاندا سېرىق ناۋات ياسايتتى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 300 توننىدىن ئاشمايتتى. 2018 - يىلى، سىياسەتنىڭ يۆلىشىدە، ئۇنىڭ شىركىتى كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلىشىپ، تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيى ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ئىگە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى، ئايلىق مەھسۇلات مىقدارىلا 300 توننىغا يەتتى.

كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ماھىرەگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا تىجارەتچىلىرى ناھايىتى كۆپ. ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۇچا «بىر شەھەر»نى ياخشى قۇرۇش بىلەن «بىر تەرەققىيات رايونى»نى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شياۋ لىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، كۇچا شەھىرى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى توپلاش، تۈر قۇرۇلۇشى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تىجارەت - سودا مۇھىتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، شەھەر قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى قوغداشتىن ئىبارەت «يەتتە چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى»نى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ تىك يۆنىلىشتە تۇتىشىشى، توغرا يۆنىلىشتە ياندىشىشى، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

1 - كەسىپ جەھەتتە، كۇچا شەھىرى ھازىر يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە «+10» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ ۋە قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

2 - كەسىپ جەھەتتە، كۇچا شەھىرى كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت بۇ «ئاساسىي جەڭ مەيدانى»غا تايىنىپ، «3 +كەسىپ»(يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى+كەسىپ، ئەقلىي ئىقتىدار+كەسىپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ ئېنېرگىيە تېجەش+كەسىپ)نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، يېشىل ھىدروگېن، تيەنخۇەن يېڭى ماتېرىيالى، شىنچياۋ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تورى، جۇڭنېڭ تۇرۇباچىلىقى، خۇڭفا تۆمۈر قېتىشمىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر ئارقىلىق، يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.

3 - كەسىپ جەھەتتە، كۇچا شەھىرى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك پىششىقلاش، چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئىجارىكەشلىكى قاتارلىق «ئون چوڭ بازار»نى تۈرلەر بويىچە پىلانلاشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىچكى ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا ئالقىشلانغان مايتاغ - كۇچا تاشيولىغا تايىنىپ، «قەدىمىي ئاھاڭدىكى كۈسەن . يىپەك يولىدىكى كۇچا» مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسىنى ياراتتى.

سىياسەت جانلىق بولسا، يوشۇرۇن كۈچ جەزمەن چەكسىز بولىدۇ، رايون ئورنى ياخشى بولسا، پۇرسەتنى جەزمەن ئاۋۋال تۇتقىلى بولىدۇ، بايلىق مول بولسا، كەسىپ ھالىتى جەزمەن كۆپ خىل بولىدۇ، مۇھىت گۈزەل بولسا، جەزمەن قايناق كەيپىيات ئەۋج ئالىدۇ. بۈگۈنكى كۇچا ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ قويۇق، رەڭدار سەھىپە پۈتمەكتە.


分享到: