新闻详情

قەشقەر شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-24 11:28作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

قەشقەر شەھىرىدىكى لى ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دائىم لاتارىيە سېتىۋالدىغان دوستلىرىنىڭلاتارىيە تىلغا ئېلىنسىلا قەلبى ئىللىپ كېتىدىغانلىقىنى، خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لاتارىيەنى قولىغا ئالسىلا روھى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، كوچىلاردا ماڭسا، لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتىنى كۆرسىلا كۆز ئالدى يورۇپ كېتىدىغانلقىنى...»-ئاڭلايتتى. قىسقىسى، لاتارىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى دوستلارنى خۇشال قىلىدۇ. لى ئەپەندى ئەزەلدىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ باقمىغان بۇلۇپ، شۇڭا دوستىلىرىنىڭ بۇنداق كەيپىياتىنى پۈتۈنلەي چۈشەنمەيدۇ.

4- ئاينىڭ 16- كۈنى، لى ئەپەندى بازار ئايلىنىپ قەشقەر شەھىرىدىكى 65310143 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتتى، ئۇ ھېلىقى لاتارىيە ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستىنى ئەسلەپ، كۆڭلىدە بۇ لاتارىيەنىڭ شۇنچە چوڭ سېھرىي كۈچى بارمىدۇ؟ بولمىسا مەنمۇ كىرىپ سىناپ باقاي.-دەپ ئويلىدى. بۇ لى ئەپەندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىناپ بېقىشى بولغاچقا، لى ئەپەندى لاتارىيە ئويۇنىنى چۈشەنمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىر دانە «بەش رەڭلىك ئالماس» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى. ھەممىسى يېڭى لاتارىيەچىنىڭ تەلىيى ياخشى بۇلىدۇ دېيىشىۋاتاتتى، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىش بولدى، لى ئەپەندى خالىغانچە سېتىۋالغان بۇ لاتارىيە بېلىتىدىن 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى! لى ئەپەندى ھاڭ ـ تاڭ قېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى قايتا ـ قايتا جەزملەشتۈرۈپ، نەچچە قېتىم چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئاندىن لى ئەپەندى ئۆزىگە كاتتا مۇكاپات چىققانلىقىغا ئىشەندى.

قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھېلىقى لاتارىيەچى دوستۇمنىڭ خۇشاللىق كەيپىياتىنى مەن ھازىر ھېس قىلىۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمنى "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئۇيۇنى بىلەن ھەقىقەتەن كېچىكىپ تونۇشقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن-دېدى.

(قەشقەر لى يې)


分享到: