新闻详情

ۋۇ ئەپەندى «شادلىق 8» ئويۇنىدا 5 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-24 15:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«كۈنلەر ئاددىي بولسىمۇ خۇشاللىق ئچىدە بۇلىدۇ، بىر تال قەلەم، بىر پارچە قەغەز، بىر ئىستاكان ئىسسىق چاي، نومۇرلارنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى يېنىدا ئولتۇرۇپ بىر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزگىلى بۇلىدۇ»، بۇ سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) تۈزگەن «قوشاق» بۇلۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ لاتارىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

« كاتتا مۇكاپات چىقتى! كاتتا مۇكاپات چىقتى! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سانجىدا "شادلىق 8" ئويۇنىدا 5 مىليون 80 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقىپتۇ، « شۇنداقمۇ؟ سانجى شەھىرى ئىچىدىمۇ؟ »، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سانجى شەھىرى 65238001 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر بەسەستە غۇلغۇلا قىلىشتى. بىر كۈن بۇرۇن، بۇ پونكىتتىكى بىر نەپەر لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئويۇنىدا «ئوننى تاللاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەختكە يارىشا 10 نۇمۇر تۇلۇق چىقىپ، جەمئىي 5 مىليون 80 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. خۇش خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، سانجى لاتارىيە بازىرى بىردىنلا قىزىپ كەتتى. 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، بۇ كاتتا مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى.

ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:"شادلىق8" ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، مەن ئىزچىل تۈردە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى، "شادلىق 8" ئۇيۇنىغا نىسبەتەن ناتونۇشلاردىن چۈشۈنىشكىچە، چۈشۈنۈشتىن تونۇشۇشقىچە ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. لاتارىيە سېتىۋالغاندا، ئۇ دائىم تىنچ روھىي ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ھەر قېتىملىق دو تىكىش سوممىسى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، پات ـ پات كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشەتتى، ئەگەر ۋاقىت ئۈلگۈرمىسە سېزىمىگە ئاساسەن نومۇر تاللايتتى ياكى ئاپتوماتىك نومۇر تاللايتتى، لېكىن كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا يەنىلا نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن نومۇر تاللاشنى ياخشى كۆرەتتى. ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « ئۆزۈمنىڭ 5 مىليون 80 مىڭ يۈەنلىك چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، بەك ھەيران قالدىم، ئۆزۈمنىڭ بەك تەلەيلىك ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، بۇ كاتتا مۇكاپات خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا چىقتى، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، بەك ھاياجانلاندىم!»-دېدى.

ۋۇ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، گەرچە مول مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇل سەۋەبلىك ئۆزىنى يۇقۇيۇپ قويمايدىغانلىقىنى، تۇرمۇشتا يەنىلا ئەستايىدىل بولۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سانجى فېڭرۇي)


分享到: