新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى جۇ ئەپەندى 300000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-25 12:27作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان جۇ ئەپەندى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننى كۈتىۋالدى، ئۇلار مۇكاپات نەقلەشتۈرگىلى كەلگەن ئىدى. مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىگە كىرگەندە، جۇ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ:«بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ئۆزۈمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى سەزگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇدا نەچچە كۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىم سەۋەبلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!»-دېدى. يەنە بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى كۈلۈپ تۇرۇپ: « سىزگە مۇكاپات چىقتى، خوتۇنىڭىز مۇكاپات ئالىدۇ شۇنداقمۇ؟»-دېدى، جۇ ئەپەندىنىڭ ئايالى بىر چەتتە تۇرۇپ مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈنلا كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.

جۇ ئەپەندى ھەقىقىي پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى كونا لاتارىيەچى بولۇپ، « قوش رەڭلىك توپ» ۋە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنى ئىدى. ھەر بىر قاراردا «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشتىن باشقا، يەنە ئارىلاپ-ئارىلاپ بىرنەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ سىناپ باقاتتى.

4-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇ ئەپەندى ئايالى بىلەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن چاپچال ناھىيەسىنىڭ مەركىزىدىكى ئاچچىق باشياڭ ساماۋەر شورپىخانىسىغا بېرىپ ساماۋەر شورپىسى يېيىشكە كېلىشتى، ئىشىكتىن كىرىپلا جۇ ئەپەندىنى ئىشىك ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنى لاتارىيە بىلەت ئىشكاپى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، ئۇ خوتۇنىغا ئاۋۋال تاماق بۇيرۇتۇشنى ئېيتىپ،ئۆزى بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ ئاندىن كىرمەكچى بولدى، جۇ ئەپەندى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتىگە كۆز يۈگۈرتتى، جۇ ئەپەندى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئارقا-ئارقىدىن چىققان لاتارىيە بىلىتىدىكى مۇكاپاتلارنى ئەسلەپ، قىممىتى 10 يۈەنلىك « 888» لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ باقمىغاندەك ھىس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى پارچە« 888» لاتارىيە بىلىتى تاللىدى كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىگەندىن كېيىن، جۇ ئەپەندى كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا لاتارىيە بىلىتىنى قىردى، بىرىنچى پارچىسىدىن نەچچە ئون يۈەن مۇكاپات چىقتى. ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتى ئويناش ئۇسۇلى رايونى 7-مەيداندا ئوخشاش ئۈچ سان كۆرۈلدى. بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 300 مىڭ يۈەن بولۇپ، جۇ ئەپەندى ناھايىتى خۇشال ھالدا:«ھەقىقەتەن ئامەتلىك ئىكەنمەن، مەن بۇ بىر نەچچە كۈندە چوقۇم مۇكاپات چىقىدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدىم، مانا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن بۈگۈنكىدەك ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمىغانلىقىمدىن بەك خۇشال بولدۇم. ھا، ھا، ھا!» دېدى.

ئايالى بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ يولدىشىغا:« بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ سىزنىڭ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىش قوشۇنىڭىزغا قوشۇلىمەن، ئۆزۈمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىم بولۇپلا قالماي، يەنە جەمئىيەت ئۈچۈن ئازراق كۈچ قوشالايدىكەنمەن، بۇ نېمە دېگەن ياخشى ئىش!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)


分享到: