新闻详情

پاراۋانلىق لاتارىيە سى«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بىلەت تۈرى ئېلان قىلىندى

发表时间:2022-05-25 16:12作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

مېنىڭ يۇرتۇم شىنجاڭدا، بۇ يەردە قاناس كۆلى، تىيانشان بوغدا كۆلى، قۇمقاناس كۆلى، سايرام كۆلى، نارات يايلىقى، توغراقلىق سۇدىكى تەتۈر سايە، قۇمتاغ قۇملۇقى، بايىنبۇلاق توققۇز ئەگىمى... قاتارلىق گۈزەل جايلار بار، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى دوستلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى قوللاش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، 2022 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يېڭى لاتارىيە بىلەت تۈرىنى يەنى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ناملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى بازارغا سېلىشنى قارار قىلدى ھەمدە «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت، ئامەت دائىم ھەمراھ بولۇش» باش تېمىسىدىكى پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، لاتارىيەگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى 2022 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» سايرام كۆلىگە كىلىپ گۈزەل مەنزىللەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشىڭ

سايرام كۆلى شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىكى شىمالىي تىيانشان تىزمىسىغا جايلاشقان، ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيىسىگە يېقىن بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. سايرام كۆلى « پاكىز دېڭىز» ، « ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» ، « بۇغدا كۆلى» ، « سەنتەي كۆلى» ، « غەربتىكى ساپ دېڭىز» ، « سايرام كۆلى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. « سايرام كۆلى» قازاق تىلىدا تىلەك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت » ئويۇنى سايرام كۆلىنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسىنى نامايەن قىلدى. « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بىلىتى قىممىتى 20 يۈەن، مۇكاپات قايتۇرۇش نىسبىتى 65% بولۇپ، جەمئىي 10 مۇكاپات دەرىجىسى بار، 20 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

« يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇن قائىدىسى: لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، ئەگەر خالىغان بىر« مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن« مۇكاپات نومۇرى» ئوخشاش بولسا، بۇ« مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس كېلىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ ئەگەر «تاغ-كۆل مەنزىرە» بەلگىسى چىقسا، بۇ بەلگىنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىپ مۇكاپاتنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(« يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بىلىسى)

ئاۋدى ماركىسىدىكى 35 دانە ئاپتوموبىل «سەپەر» رىڭىزگە ھەمراھ بولۇپ، سىزگە كاتتا ئامەت ئېلىپ كىلىدۇ

«يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» سايرام كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، ھۇزۇرلاندۇرىدۇ! «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇنىدىكى مول بولغان مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ناھايىتى كاتتا بۇلۇپ، جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى مەزگىلىدىكى ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ! سىزنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە «سەپەر» رىڭىزدە ئامەت ھەمراھ بولغۇسى.

بۇ قېتىمقى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت، <سەپەر> رىڭىزدە ئامەت ھەمراھ بولغۇسى» تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ سالمىقى زور، مۇكاپات بۇيۇملىرى مول بولۇپ، كىشىنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتىدۇ! بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە، لاتارىيەچىلەر پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە خالىغان بىر ئېچىۋېتىلگەن تىپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش نۇقتىسى (پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى، سىرتتا سېتىش ۋە سودا ئىجتىمائىي تور نۇقتىسى، يەنى سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن قىممىتى 20 يۈەنلىك « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئويۇن بېلىتى سېتىۋېلىپ، لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشالايدۇ. يەنى: لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» بېلەت تۈرى ئويناش ئۇسۇلى رايونىدا «ئاپتوموبىل» بەلگىسى چىقسا، بىر دانە ئاممىباپ ئاۋدى A4L40 TFSI مودا تىپتىكى ئاپتوموبىل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، پائالىيەتتىكى« ئاپتوموبىل» بەلگىسى « ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» بولۇپ، پەقەت « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ئادەتتىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن لاتارىيەدىلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، لاتارىيەچى دوستلار« يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيەسىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى مۇكاپات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايقىغان تەقدىردىمۇ، لاتارىيەنى تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماي، لاتارىيە بېلىتىنى يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىنى سورايمىز، « ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» غا ئېرىشتىڭىزمۇ يوق ياخشى سېلىشتۇرۇڭ، بەلكىم سىز ئاۋدى A4L TFSI مودا تىپلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن!

سەمىمىي ئەسكەرتىش: مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىدىغان ئىشلارنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك

شىنجاڭدا «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» نى قىرىشتا خۇشاللىقلار كۆپ، ئەگەر سىز تەلىيىڭىزگە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشسىڭىز، چوقۇم ۋاقتىدا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈڭ، ۋە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشتە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلارنى بىلىۋېلىڭ. بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى قائىدىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىگە تەۋە.

مۇكاپاتنى قانداق نەقلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ مىليون يۈەن چوڭ مۇكاپات ۋە ئاپتوموبىل چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققان لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۇسۇلى تەبىئىي ھالدا پىششىق بۇلىدۇ، ئەمما تۇنجى قېتىم چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىلەر تۆۋەندىكى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

1. ئەگەر سىز مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ياكى ئاۋدى A4L40 TFSI مودا ھەرىكەت تىپىدىكى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسىڭىز، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى تارقىتىش مەركىزىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك.

2. ئاۋدى A4L40 TFSI مودا ھەرىكەتچان ئاپتوموبىل مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن، مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش تېلېفونىغا ئالدىن تېلېفون قىلىپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىشىڭىز كېرەك، ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0991-3075634 .

3. بۇ قېتىمقى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 60 تەبىئىي كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكۈچە مۇكاپات نەقلەشمىگەن بولسا مۇكاپاتتىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.

4. لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قانۇن بويىچە شەخسىي تاسادىپىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيىسى تارقىتىش مەركىزى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرىدۇ.

ئەگەر مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە دائىر ئىشلارنى ھەقىقەتەن ئەستە تۇتالمىسىڭىز، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۆپچىلىك پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقانداق بىر پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ مەسلىھەت سورسىڭىز بۇلىدۇ، مۇلازىمەتنىڭ قىزغىن ھەمدە ئەتراپلىق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى مۇۋاپىق تاماملىشىڭىزغا ياردەملىشىمىز.

(پاراۋانلىق لاتارىيەسى تەشۋىقاتى)

分享到: