新闻详情

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل سەپەردىن بەھرىلىنەيلى

发表时间:2022-05-26 15:43作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

(پائالىيەت نەق مەيدانى. ناندېڭ فوتوسى)

5 ـ ئايدىكى سايرام كۆلىدە مۇز ئېرىپ گۈللەر ئېچىلىپ، ئوت ـ چۆپلەر ئۆسۈپ، قۇشلار پەرۋاز قىلغان ئىدى. 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، كۆك ئاسمان، قارلىق تاغ، زۇمرەتتەك دولقۇنلار ئارىسىدا، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل سەپەردىن بەھرىلىنەيلى» باش تېمىسىدىكى 2022-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ شۆبە مەيدان پائالىيىتى يەنى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت سايرام كۆلى» يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تەسىس قىلىنغان پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتىنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

(مەدەنىيەتەنتەربىيە ئويۇنى. چىلگېر فوتوسى)

بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو ساياھەت كۈنىدىكى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل سەپەردىن بەھرىلىنەيلى» تىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئەزىز مېھمانلار ئۆزى سىناش پائالىيىتى، 12-پەسىللىك «قابىللار غەربىي ساياھىتى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» ئون مىڭلىغان ئاپتوموبىلار تىيەنشاننى ساياھەت قىلىش پائالىيىتى، «ئون مىڭ يىل، مەڭگۈلۈك كۆك» سايرام كۆلى كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، سايرام كۆلى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش پائالىيىتى، «بورتالا ئوبلاستىنىڭ سوۋغىسى، نامى گۈزەل شىنجاڭ» توردا مال ساتقۇچىلار بورتالا ئوبلاستىغا كەلدى پائالىيتى، «لىڭشيۇ بورتالا ئوبلاستى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بىلەن ئۇچۇرشۇش» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە پائالىيىتى، «مەدەنىيەتەنتەربىيە ئورتاق ھەرىكىتى تىيەنشەندە» مەدەنىيەتەنتەربىيە ئويۇنى، «مىڭ چاقىرىملىق يۆگىمە رەسىم. جەلپكار بورتالا» فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

«بىز ئىككى يىل ئىلگىرى سايرام كۆلىدە قىز ـ يىگىت ئۇچۇرشۇش پائالىيىتىدە تونۇشقان، خىزمەت ۋە يۇقۇم سەۋەبىدىن ئىزچىل توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمىگەن ئىدۇق. بىز بورتالادىن گېزىتى دوۋيىن نومۇرىدىن پائالىيەت ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇق.»- جاۋ مېڭجۈن بىلەن جاڭ جيەنچىڭ شۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقان بىر جۈپ قىز ـ يىگىت بولۇپ، شۇ كۈنى سايرام كۆلىدە كوللېكتىپ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئىككەيلەننىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.

(كوللېكتىپ توي مۇراسىمى نەق مەيدانى. تاڭ شەنشەن فوتوسى)

«سايرام كۆلى ئىزچىل يېڭى توي سۈرەتچىلىكتە مەنزىرە سۈرەتكە ئالىدىغان جايلار ئىچىدىكى ئالدىنقى تاللاش، شۇڭا بىز يەنە <سايرام كۆلى __ مۇھەببەت كۆلى> كېلىشكە ئەرزىيدىغان يەر دېيىش ئارقىلىق، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ داڭقى ۋە شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز»-دېدى بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ لېي.

(ساياھەتچىلەر لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتىدۇ. چىلگېر فوتوسى)

«بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم مەنزىرە رايونىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىم، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلغان خۇشاللىقتىن بەھرىلەندىم، شۇنداقلا پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئازراق كۈچ قوشىتۇم دەپ قارايمەن»-دېدى. ساياھەتچى ليۇ چىڭ. شۇ كۈنى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت. سايرام كۆلى» نىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئېچىۋېتىلگەن پاراۋانلىق لاتارىيە بىلىتى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تارقىتىش پائالىيىتىدە، تەشۋىق قىلىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرگەزمە قىلىش رايونى ۋە ئالتە ئېچىۋېتىلگەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئۆزى سىناش پاراۋانللىق لاتارىيە نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

بورتالا ئوبلاستى «ئومۇمىي مەنزىرە بايلىقى» نى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە مەدەنىيەتنى تىرىشىپ ئۇنىڭغا سىڭدۈردى، شۇ كۈندىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى توبۇشيۇر مۇزىكىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈر شىنجاڭدىكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ توبۇشيۇر ياساش ھۈنىرى، ئات باشلىق چالغۇ مۇزىكىسى، موڭغۇل سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھۈنىرى، ئوبلاست شەھەر دەرىجىلىك تۈرى موڭغۇل يۇڭ كىگىز ياساش ھۈنىرى، ئالتۇن ـ كۈمۈش زىبۇ ـ زىننەت پىششىقلاش ھۈنىرى ھەم خېمىر ھەيكەل ياساش ھۈنىرى قاتارلىق يەتتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىنى نامايان قىلىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ قويۇق ئادىمىيەت ئاساسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

(ساياھەتچىلەر لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتىدۇ. چىلگېر فوتوسى)

«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىشىمىز كېرەك، ھەمدە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»-دېدى ساياھەتچى مېڭ شىن.

ئاپتونوم رايون جۇڭگو ساياھەت كۈنى شىنجاڭ شۆبە مەيدانىنى سايرام كۆلىدە بىكىتتى، بورتالا ئوبلاستى مەدەنىيەتنى تايانچ قىلىپ، ساياھەتكە «روھ» ئاتا قىلدى، ئېسىل، رەڭدار پائالىيەتلەر داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، بايرام ئەمدىلا باشلانغان ئىدى. (تاڭ شەنشەن)





分享到: