新闻详情

يېڭى بېلەت بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى

发表时间:2022-05-26 19:05作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

مۇھىم خەۋەر! 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، غۇلجىدا «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» ناملىق يېڭى بېلەت تۈرىدە تۇنجى قېتىملىق 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات بارلىققا كەلدى! غۇلجدىكى لاتارىيەچى ئەلىيۇلئەلا بولدى! بۇ « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» بىلەت تۈرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى تۇنجى كاتتا مۇكاپات!

غۇلجا شەھىرى 65410255 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى مال ساتقۇچىسى ۋېڭ ياۋشى مۇنداق دېدى:« بۇ 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات ھەقىقەتەن تېز قولغا كەلتۈرۈلدى، مەنمۇ ھەيران قالدىم! ئاساسلىقى "يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت" بىزنىڭ بۇ يەردە تېخى مودا بولماي تۇرۇپلا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات يەنى مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات چىقتى. گەرچە كۆپ يىللاردىن بۇيان مېنىڭ بۇ پونكىتىمدا چوڭ -كىچىك مۇكاپاتلار ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يېڭى بېلەت بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنىلا كاتتا مۇكاپاتنىڭ چىقىشىنى مەنمۇ تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم. مەن بىر مەھەل ھەيران قالغاندىن كىيىن لوزۇنكا تارتىپ، خۇشخەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش، دوستلار چەمبىرىكىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولدۇم-دېدى.

ۋېڭ ياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ئەتىگەندە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئىشىكىنى ئېچىشىمغىلا، لاتارىيەچى شياۋياڭ بىلەن ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئالايىتەن قىممىتى 20 يۈەنلىك يېڭى بېلەت «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» سېتىۋېلىش ئۈچۈن پونكىتقا كەلدى، ئۇلار كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ قېتىم <ئاۋدى A4L 40 TFSI مودا تىپلىق ئاپتوموبىل> مۇكاپاتى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى، نەۋرە ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن 10 بولاق «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان، لېكىن 10 بولاق بېلەتنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، كاتتا مۇكاپات چىقمىدى، ئادەتتىكى كىچىك مۇكاپاتلار چىققان ئىدى. قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، نەۋرە ئاكىسى شياۋياڭ سەل نارازى بولدى، ئۇ كۆرگەزمە ئىشكاپىدا يەنە ئۈچ پارچە تارقاق بېلەت بارلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئۈچ پارچە تارقاق بېلەتنىمۇ قوشۇپ سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن 10 بولاق بېلەتنى ئېلىپ بولغان نەۋرە ئىنىسى يەنە سېتىۋېلىشنى خالىمىدى. نەۋرە ئاكسى مەسخىرە قىلىپ: ـــ ئەگەر چوڭ مۇكاپات چىقىپ قالسا، سېنىڭ ھەققىڭ يوق جۇمۇ!»-دېدى، نەۋرە ئاكسى ئۈچ پارچە پارچە بېلەتنى بىر-بىرلەپ قىرىشقا باشلىدى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات مۇشۇ بېلەتكە يوشۇرۇنغان ئىدى. نەۋرە ئاكىسىنىڭ خۇشاللىقىدىن ئېغىزى قۇلاقلىرىغىچە يەتكەن ئىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ« ئەسلىدە ماشىنا مۇكاپاتىنى دەپ كەلگەن ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن مىليونلىغان مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇق-دېدى.

ئەتىسى، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن تېزلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىگە بېرىپ، مۇكاپات پۇلىنى ئالدى. نەۋرە ئاكىسى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مۇكاپات پۇلىنى نەۋرە ئىنىم بىلەن تەڭ بۆلۈشكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن نەۋرە ئىنىمغا ئازراق مۇكاپات بۆلۈپ بېرىمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن تەلەينىڭ ئىچىدە نەۋرە ئىنىمنىڭمۇ تەلىيى بار.»-دېدى.

يېڭى بېلەت بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، ئامەت ناھايىتى تېز كەلدى، غۇلجىدىكى لاتارىيەچى دوستلارنىڭ تەلىيى بەك ئوڭدىن كەلدى! « يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت، ئامەت سىزگە يار بولسۇن» پائالىيىتى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار بۇلۇپلا قالماي يەنە ئاۋدى A4L تىپلىق ئاپتوموبىل مۇكاپاتى بار، مۇكاپات چىققان دوستلارغا ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرماي «جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن بىرلىكتە بەخت يارىتىش» تىن ئىبارەت بۇ مېھىرەپقەت كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ، باشقىلارغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلسىڭىز، قولىڭىزدا گۈلنىڭ خۇش پۇراق ھېدى قالىدۇ!

(غولجا ياڭخۇي)


分享到: