新闻详情

سەيمىن : قانائەتچان كىشىلەر دائىم خۇشال ـ خۇرام يۈرىدۇ

发表时间:2022-05-27 12:52作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

2022 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ ساغلاملىق غەربىي يولىغا جايلاشقان 65238043 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپات چىققانلىق خۇش خەۋىرى تارقالدى، بۇ پونكىتتا بىر لاتارىيەچى 3D ئويۇنى 2022116-قاراردا 20 ھەسسە يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 20800 يۈەن بولدى.

مۇكاپات چىققان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن 65238043 نىڭ سېتىش خادىمى يۈ چۈنخۇڭدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى كۆپ يىلدىن بۇيان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقان كونا لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئادەتتە لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە لاتارىيە بىلىتىنى تەتقىق قىلىش، نومۇرنى مۇزاكىرە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كۆپ ساندىكى ۋاقىتتا دو تىككەن نومۇرلارنىڭ ھەممىسى لاتارىيەچى دوستلار بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق نەتىجىسىدە تاللىغان نۇمۇرلار ئىكەن. 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى كەچ سائەت سەككىز ئەتراپىدا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئولتۇراق رايون دەرۋازىسى ئالدىدىكى 65238040 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، پونكىت ئىچىدە مال ساتقۇچى بىلەن بىر ھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى لاتارىيەچى دوستلار تەۋسىيە قىلغان ھەم ئىزچىل ئەگىشىپ كېلىۋاتقان نومۇر «812» نى يەككە تاللاپ ھەسسىلەپ تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن 20 ھەسسە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلغاندا، دو تىككەن بۇ لاتارىيە بېلىتىدىن مۇكاپات چىقتى.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى سەمىمىيلىك بىلەن: « 812» دېگەن بۇ نومۇرغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ئەگەشكەنلىكى، ھەر كۈنى دېگۈدەك دو تىكىدىغانلىقىنى، پەقەت مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كۈندىكى دو تىكىش ھەسسە سانى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق بولسىمۇ، لېكىن دەل شۇ چاغدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ـــ«گەرچە بۇ قېتىمقى دو تىكىشنىڭ ھەسسىلىكى ئازراق، مۇكاپات سوممىسى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، قانائەتچان كىشىلەر دائىم خۇشال ـ خۇرام يۈرىدۇ!»-دېدى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سەيمىن خۇشال ھالدا.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سەيمىن لاتارىيە سېتىۋېلىشتىن ناھايىتى ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا مادارىغا قاراپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى كەيپىياتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن لاتارىيە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سانجى لى پېڭۋېي)

微信截图_20220610205334.png

分享到: