新闻详情

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىنىدىكەن

发表时间:2022-06-11 12:18作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئانار بۇلۇت

شىنجاڭنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدىكەن

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.

图片图片图片

图片

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مائارىپ بىرتۇتاش ئىمتىھان مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەم تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىپ جەڭ قىلىشى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم بولۇپ، «ئىمتىھان بېرىشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىمتىھان بېرىش، بىخەتەر، تەكشى، مۇقىم بولۇش   بولۇش» خىزمەت نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىلگىرىلەش جەريانى بويىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئىمتىھان قەغىزىنى ئوراش، سىكاننېرلاش، تەكشۈرۈش خىزمىتى باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسى، ئورۇن تەرتىپى ۋە ھەرقايسى تۈركۈملەر بويىچە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى − «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»، ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلىسە بولىدۇ.

图片

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى بالدۇر بىلىش ھەم ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشنى ئارزۇلاش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئارزۇ تولدۇرۇش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى، ئالدىنىپ قېلىشتىن پەخەس بولۇشى كېرەك.

分享到: