|
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا خۇش خەۋەر发表时间:2022-06-11 12:33作者:ئەلكۈيى تورى来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2022-يىلى يېڭىدىن مەھەللە مەخسۇس خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ «2022-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن 2022-يىلى مەھەللەرگە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان بارلىق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر شەھەر-يېزا مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش شەھەر-يېزا مەھەللە خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، مەھەللىلەرگە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خىزمەتچىلەرنى يىللىق تەكلىپ قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن 2022-يىلىدىكى يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان بارلىق ئىش ئورنىنىڭ ھەممىسىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىۋەتكەندىن سىرت، كۆپرەك ئىش ئورنىغا مەخسۇس ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن جايلاردىكى يېزا-بازار، كوچا، ئىجتىمائىي خىزمەت پونكىتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %50 كە يەتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېزا-بازار، كوچا، ئىجتىمائىي خىزمەت پونكىتلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: |
|