新闻详情

لاتارىيەچى توغۇلغان كۈن نومۇرىنى تاللاپ دو تىكىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-05-31 18:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

3D ئويۇنى قىزىقارلىق، كۈندە مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، غۇلجا شەھىرى 65410299 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، تەلەيلىك لاتارىيەچى ما ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) 40 ھەسسىلىك 3D ئويۇن يەككە گۇرۇپپا بېلىتىگە تايىنىپ، 48520 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ما ئەپەندىنىڭ لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا كۆپ يىل بولغان بولۇپ، «نوپۇزلۇق لاتارىيەچى» دەپ ئاتاشقا بۇلىدۇ، 3D ئويۇنى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيۇنى بۇلۇپ، ۋاقتى بولسىلا ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ، 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى ئاستا-ئاستا مۇلاھىزە قىلىپ، چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن دو تىكىدۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن ئىلھامى بولمىسىمۇ ئاپتوماتىك نومۇر تاللىمايدۇ، ئۇدۇللا نومۇر ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.

5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ما ئەپەندى غۇلجا شەھىرىدىكى 65410299 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇ يەنىلا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 3D ئويۇنى ئوينىماقچى بولدى، ما ئەپەندى بۈگۈن ئىلھامى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ «مەخسۇس نومۇرى» __ تۇغۇلغان كۈن نومۇرى «509» نى 40 ھەسسە قىلىپ يەككە گۇرۇپپا بويىچە دو تىكتى، ئاندىن باشقا لاتارىيە دوستلار بىلەن پاراڭلاشتى. شۇ كۈنى كەچتە ما ئەپەندىنىڭ «مەخسۇس نومۇرى» ئۇنىڭغا ئامەت ئېلىپ كەلدى، ما ئەپەندى بىراقلا 48520 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، ما ئەپەندى خۇشال ھالدا:«مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن! قارىغاندا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرۇم <مەخسۇس نومۇر> بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى <تەلەي نومۇرى> ئىكەن-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)



分享到: