新闻详情

ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئاپتوموبىلنى ئېرىگە بايراملىق سوۋغا قىلدى

发表时间:2022-06-01 18:42作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ھەر قېتىم پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئارقىلىق لاتارىيەلىكلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا، تارباغاتايدىكى لاتارىيەچىلەر ھەمىشە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۆچەك شەھىرىدىكى لاتارىيەچى يەنە بىر قېتىم ماشىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى، لاتارىيەچى ياڭ خانىمۆزگەرتىلگەن ئىسىم) چۆچەك شەھىرىدىكى 65428003 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە سېتىۋالدى، ئۇ نەچچە كۈن ئىلگىرى «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» نىڭ بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ كۈنى بالدۇرلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» نىڭ بەك قىزىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ لاتارىيە بىلىتى ئالالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ياڭ خانىم ئالدى بىلەن ئۈچ پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى، ئۇ ئالدىنقى ئىككى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرغاندىن كىيىن، كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، ئۈچىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتى بىر تەرەپتىن قىرغاچ بىر تەرەپتىن مال ساتقۇچىغا:« قارىغاندا مېنىڭ بۈگۈن تەلىيىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن، ئەتە كېلىپ سىناپ باقاي!»-دېدى، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن كاتتا مۇكاپات چىققان ئىدى، ياڭ خانىم قىرغان لاتارىيە بىلىتدىن ئويلىمىغان يەردىن «ئاپتوموبىل» بەلگىسى چىققان ئىدى. مال ساتقۇچى شياۋليۇ قايتا-قايتا سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ياڭ خانىمنىڭ ھەقىقەتەن ئاۋدى A4L ماركىلىق ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. نەق مەيداندىكى لاتارىيەچىلەر ئالقىش ياڭرىتىپ، ياڭ خانىمغا ھەۋەس نەزىرى بىلەن قاراپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول ئېلىشىپ تەبرىكلىدى.

ياڭ خانىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « ئەتە < 520> بولىدۇ، مەن بۇ ئاۋدى ماركىلىق پىكاپنى ئېرىمگە بايراملىق سوۋغا قىلىمەن-دېدى.

(تارباغاتاي ۋىلايىتى   جاڭ جيەنگو)


分享到: