新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى يېرىم ئاي نومۇر ساقلاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-06-02 12:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ«بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! مەن ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! ئاران يېرىم ئاي ساقلاپلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھازىر مەندە بەخت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ!»-دېدى 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغان چى ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

چى ئەپەندى سودىگەر بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتى. چى ئەپەندى لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى دەسلەپكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«ھېچقانداق دەسلەپكى مەقسەت يوق، مەن لاتارىيە ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، پاراۋانلىق لاتارىيەدە ھەم كۆڭۈل ئاچقىلى، ھەم ياخشى ئىش قىلغىلى بولىدۇ، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا <پاراۋانلىق لاتارىيەسى بولسا ئاۋامغا ئەڭ ماس كېلىدىغان خەير-ساخاۋەت مەنمۇ مۇشۇ جۈملە سۆز سەۋەبلىك، پاراۋانلىق لاتارىيىسى بىلەن باغلىنىپ قالغان»-دېدى.

5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، چى ئەپەندى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 65280158 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بىر پارچە «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتىنى چىقىرىپ، مال ساتقۇچىغا ئوخشاش ھالەتتە بىلەت كىسىپ بېرىشنى ئېيتتى. بۇ بەش دو نومۇرىنى چى ئەپەندىنىڭ ئايالى يېرىم ئاي ئىلگىرى تاللىغان بۇلۇپ، ئۇ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ نومۇر ساقلاپ، قەرەللىك سېتىۋېلىپ كەلگەن. شۇ كۈنى كەچتە، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022053 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، چى ئەپەندى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورىدىن ئۆزى سېتىۋالغان لاتارىيە بىلىتىدىكى ئۈچىنچى دو نومۇرنىڭ ھەممىسىدە قىزىل توپ چىققانلىقىنى، بىر دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ 366853 يۈەن بولغانلىقىنى بىلدى. چى ئەپەندى ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ خۇشال ھالدا: « خوتۇن، بىزگە مۇكاپات چىقتى! مەن سىزنىڭ ماڭا چوقۇم ئامەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، سىز ھەقىقەتەن مېنىڭ تەلەي يۇلتۇزۇم! »-دېدى، ئايالىمۇ مۇكاپات چىققانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن گۈلقەقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى!

چى ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: گەرچە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن مەن ئەپسۇسلانمايمەن، چۈنكى مەن نورمال كەيپىياتنى ساقلاشنى ياخشى كۆرىمەن، مۇكاپات چىقسا خۇشال بۇلىمەن، مۇكاپات چىقمىسا ھېچقىسى يوق، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان بۇلىمەن!»-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى    سۇڭ شۈەنلىن)

分享到: