新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ما بوۋاي 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-06-15 19:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

بەزىلەر لاتارىيە سېتىۋېلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، بەزىلەر لاتارىيە سېتىۋېلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ، غۇلجا شەھىرىدىن پېنسىيەگە چىققان ما بوۋاينىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشى خۇشاللىق ئۈچۈن ئىدى.

ما بوۋاينىڭ پېنسىيەگە چىققىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئەزەلدىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ئەمما پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئۆيىدە بىكار ئولتۇرۇپ قالغان ما بوۋاي ھەر كۈنى تىت ـ تىت بولغان، قەدىناس دوستى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتى ۋە لاتارىيە بېلەت سېتىش تور نۇقتىسىغا ئاپىرىپ پاراڭلىشىپ خۇشاللىق ئىزدىگەن. ما بوۋاي يېڭى دوستلار بىلەن تۇنۇشۇش ۋە كونا دوستلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، تەدرىجىي ھالدا پاراۋانلىق لاتارىيە مېھىر-شەپقەت قوشۇنىغا قۇشۇلدى.

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپ خىل ئويۇنلىرى ئىچىدە، ما بوۋاي ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنى كۆرۈنۈش كۆركەم، قائىدىسى ئاددىي بولغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئىدى، ئۇ ھەر بىر پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتىنىڭ يۈزى خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاش كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن لاتارىيە بېلىتىنى قىرىغاندىكى تۇيغۇ ھەقىقەتەن بەك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى كەچتە تاماقتىن كېيىن، ما بوۋاي ئۆيىدىن پىيادە مېڭىپ، غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى 7 ـ كوچا ئېغىزىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش تور نۇقتىسىغا كەلدى. ما بوۋاي مال ساتقۇچى ۋە بىر نەچچە يېقىن دوست بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن لاتارىيە بېلەتلىرىنى كۆزىتىشكە باشلىدى، بىر مەھەل كۆزەتكەندىن كېيىن، كونا قائىدە بويىچە ئۇ چوقۇم ئىككى پارچە ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان لاتارىيە بېلىتى قىرىشى كېرەك ئىدى، ئۇ ئىككى پارچە بەش يۈەنلىك « 3- مارت» لاتارىيە بېلىتى تاللىۋالغان بولۇپ، بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كىيىن مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاندىن كېيىن ما بوۋاي ھەم ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەيران قالدى.

ما بوۋاي گەرچە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«ئۆيىمىزدە ھازىرچە جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بۇ كاتتا مۇكاپاتنى مەن ھازىرچە ساقلاپ قۇيىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋالىمەن، ھەر كۈنى بىر پارچە سېتىۋېلىشقا تىرىشىمەن، ھەممىمىزنىڭ مەڭگۈ خۇشال بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»-دېدى!

(ئىلى   ياڭخۇي)



分享到: