新闻详情

لاتارىيەچى «نومۇر ساقلاش» ئارقىلىق 366858 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2022-06-22 17:57作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

«نومۇر ساقلاش» ئۇسۇلى قولايلىق، تېز بولۇپ، نۆۋەتتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان بىر خىل دو تىكىش ئۇسۇلى بۇلۇپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، « نومۇر ساقلاش» ئارقىلىق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. مانا، ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندىۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىككى يىل «نومۇر ساقلاش» تا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە بەختكە ئېرىشتى! 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ليۇ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022053 ـ قاراردىكى 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، مۇكاپات سوممىسى 366858 يۈەن بولغان ئىدى.

ليۇ ئەپەندى بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقىنىغا تەخمىنەن ئۈچ يىل بولغان ئىدى، ئۇ ئادەتتە ھەر قېتىمدا 10 يۈەن دو تىكەتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيتتى. لاتارىيە بېلىتى بىلەن قانداق تۇنۇشقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ليۇ ئەپەندىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە بار ئىدى:« مېنىڭ تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ۋاقتىمدا دوستۇم مېنى تارتىپ زولاپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى». ليۇ ئەپەندى خۇشال ھالدا خىزمەتچى خادىملارغا ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى-«دستۇم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىلى كىرىپ كەتتى، مەن ئىشىك ئالدىدا ئۇنى خېلى ئۇزۇن ساقلاپ تۇرغان بولساممۇ ئۇ چىقمىدى، مەن ئىشىكتىن كىرىپلا قارىسام، ئۇ نومۇر تارقىلىش خەرىتىسىگە تىكىلىپ بىر نەرسە ئويلاۋاتاتتى-شۇنىڭ بىلەن، ليۇ ئەپەندى ئادەم ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىمۇ بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش باشلىغان ھەمدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

بۇ قېتىمقى مۇكاپات نومۇرىنى تىلغا ئالغاندا، ليۇ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن، ئۆزىنىڭ تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيىچى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا نومۇر تاللاشنىڭ ھېچقانداق سىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئۇ ھەر قېتىم سېتىش تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ نومۇر تاللاشنىڭ ناھايىتى زېھىن كىتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىككى يىل ئىلگىرى تۇيغۇسىغا تايىنىپ بۇ بەش دو « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ يەككە نومۇرىنى تاللىغاندىن كېيىن، «نومۇرنى ساقلاش» نى باشلىغا، ۋە شۇنىڭدىن كىيىن خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان. ليۇ ئەپەندى:«بۇ بىر نەچچە دو نومۇرنى مەن ھەر قېتىمدا سېتىۋالىمەن، بەزىدە يەنە ئاپتوماتىك باشقا بەش دو نومۇرنى تاللايمەن»-دېدى. گەرچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا پەقەت 10 يۈەنلىك كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشسىمۇ، ئەمما ليۇ ئەپەندى يەنىلا ھەر قارار دو تىكەتتى. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ليۇ ئەپەندى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ 65010249 پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىسىغا كېلىپ، يەنىلا ئۆزى چىڭ تۇرغان نومۇرغا دو تىكتى.

شۇ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، ليۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەن. «شۇ چاغدا خۇشال بولۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، بالدۇرراق كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى ئويلىغانىدىم، لېكىن ئىشىم چىقىپ قالغاچقا، يەنىلا كېچىكىپ قالدىم»-ليۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆڭلى خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالغان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشقا داۋاملىق قاتنىشىپ، كۆپچىلىك پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۈرۈمچى    ياڭچىڭ)

微信截图_20220622135236.png

分享到: