新闻详情

شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي سېتىۋېلىش مەركىزى تىجارەت باشلىدى

发表时间:2022-06-20 13:55作者:ئەلكۈيى تورى来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش   مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى

شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

18-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

图片

شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئۇقۇمىدىكى يېڭى پارچە سېتىش سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ، تور سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال گەۋدە + توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى+باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئەندىزە، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىدىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى. كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كۆلىمى 17 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتنىڭ 1000 خىلدىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان ئىمپورت مەھسۇلاتى بار، ئاساسلىقى چېگرا ھالقىغان تاۋار، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر كۆزنەك بىلەنلا يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

图片

شىنجاڭدىكى تۇنجى باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزى تىجارەت باشلاپ ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى.

图片

شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىلغان تاۋارلار.


مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، كۆرگەزمە سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ۋە شىدامېن چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي تەسىرات مەركىزى تەسىس قىلىنغان. كۆرگەزمە سارىيى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە تاۋارلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، غەربكە يۈزلەنگەن خەلقئارا سودا مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە يۈزلەنگەن چېگرا ھالقىغان سودا يېڭى يولىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي تەسىرات مەركىزىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1000 خىلدىن ئارتۇق ئېسىل تاۋارلار توپلانغان بولۇپ، بۇ تاۋارلار چەت ئەلدىكى مەنبەسىدىن مەركەزلىك سېتىۋېلىش، دۆلەت ئىچىدىكى باجدىن خالىي ئىسكىلاتتىن مەركەزلىك مال تەييارلاش، تاموژنا پۈتۈن جەرياندا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى دۇنيا بويىچە ئوخشاش سۈپەت، ئوخشاش باھادا مال سېتىۋېلىش يېڭى تەسىراتى بىلەن تەمىنلىدى.

图片

ئىستېمالچىلار شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.


كۆرگەزمە سارىيىنىڭ 2-قەۋىتىگە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان ھاراق، يېمەكلىك قاتارلىق تاۋارلار كۆرگەزمە رايونى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى تەسىس قىلىنغان. بۇ قەۋەتكە دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئىشلەنگەن ھەر خىل ھاراق-شاراب ۋە يېمەكلىكلەر توپلانغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت نامايان قىلىنغان. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆزگىچە تاۋارلىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىسى ئۈچۈن ئارىلىقتىكى ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەپ، «شىنجاڭ مۇھەببىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش» يېڭى يولىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

图片

ئىستېمالچىلار ھېسابات قىلىۋاتىدۇ.


شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە يەنە «ئالدى دۇكان ۋە ئارقا ئامبار بولۇش + ئۆزى تېز سۈرئەتتە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش» ئەندىزە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار نەق مەيداندىكى «ئالدى دۇكان»دا مال زاكاز قىلغاندىن كېيىن، ئارقا سۇپا سىستېمىسى شۇ ۋاقىتتىلا تاموژنىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، تاموژنىنىڭ «تەكشۈرۈش، دەلىللەش، ئۆتكۈزۈش» بىر گەۋدىلەشكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن كېيىن، «ئارقا ئامبار»دا ساقلىنىۋاتقان چېگرا ھالقىغان تاۋارلار ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى باجدىن خالىي ئىسكىلاتتا ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تاماملاپ، تېز يوللانما ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى «ئىشىك ئالدىدىلا» سېتىۋېلىش تەسىراتىغا ئىگە قىلىدۇ.

图片

ئافرىقا سارىيىدىكى ئۆزگىچە تاۋارلار ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىستېمالچىلار يەنە دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت تاۋارلىرىغا بېرىدىغان تۈرلۈك باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. سودا تاموژنىسى شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، تاموژنىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايون سىياسىتى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «تەسىرات ئەندىزىسى»نىڭ ئۇچۇر يولى، ئەشيا ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ئەلا مال سېتىۋېلىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۇكان ئىچىدىكى تاۋارلارنى پۈتۈن جەرياندا سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

分享到: