قۇمۇلدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 22449 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2022-06-23 16:43来源:ئەلكۈيى تورى بۇ يىل، قۇمۇل لاتارىيە بازىرىدا خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، قۇمۇلدا بۇ يىل « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 1 دو 8120000 يۈەندىن ئارتۇق بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە بىر نەچچە دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامەت يەنە كەلدى، لاتارىيەچى لى ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىر دو « قوش رەڭلىك توپ» 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 22449 يۈەن بولدى. 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، لى ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قومۇل شەھىرىدىكى 65220158 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش تور نۇقتىسىغا كېلىپ، بىر تەرەپتىن مال ساتقۇچى بىلەن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئويناپ، ۋاقتىنىڭ ناھايىتى تېز ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. لى ئەپەندى ئۆيىگە قايتماقچى بولغاندا، يانچۇقىنى سىلاپ، ئون يۈەن پارچە پۇل بارلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بەش پارچە ئاپتوماتىك تاللانغان «قوش رەڭلىك توپ» تاق شەكىللىك نومۇرنى تاللاپ، لاتارىيە بېلىتىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۆيىگە قايتتى. 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2022066 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، 65220158 سېتىش تور نۇقتىسىدىكى مال ساتقۇچى خادىم مۇكاپات ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، لاتارىيەچىلەرنىڭ ئىچىدە بىرەيلەننىڭ بىر دو «قوش رەڭلىك توپ» 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۈندىدار توپى ئارقىلىق لاتارىيەچى دوستلاردىن ئەھۋال سورىدى، ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغان بولسىمۇ ھېچكىم جاۋاب قايتۇرمىدى. ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، لى ئەپەندى ئۈندىدار توپىدا ساتقۇچى خادىم يوللىغان خۇش خەۋەرنى كۆرۈپ، ئۆزى تاللىغان ھېلىقى لاتارىيە بېلىتىنى تەپسىلىي سېلىشتۇردى، ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دو نومۇردا ئالتە قىزىل توپ تۇلۇق چىققانلىقىنى بايقىدى. لى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەلەيلىك لاتارىيەچى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى:«لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقىنىمغا ئۇزۇل يىل بولدى، كۈچۈمنىڭ بارىچە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى ئويلاپ كەلدىم، مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى ئىشنىڭ ئۆزۈمدە يۈز بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! ناھايىتى خۇشال بولدۇم!»-دېدى. (قومۇل شېڭخۇي) |