ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

«يۈگرەيلى»نىڭ شىنجاڭدىكى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىدىغان مېھمان ئەزالار ئاشكارلاندى

发表时间:2022-06-27 15:50

نۆۋەتتە يېڭى پەسىللىك «يۈگرەيلى»(奔跑吧) پروگراممىسىنىڭ ئاخىرقى تۆت سانى شىنجاڭدا سۈرەتكە ئېلىشقا مۇقۇملاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى سانجى بىلەن تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان خەۋەرلەر تارقالغان. يەنە كېلىپ تورداشلار پروگراممىدىكى مۇقۇم ئەزالارنىڭ بىر-بىرلەپ شىنجاڭغا كەلگەنلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى ئالدىنقى سان سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىدىغان مېھمان ئەزالارمۇ ئاشكارىلاندى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا لى ۋېن (李玟)، نيې يۈەن(聂远)، ۋېي داشۈن (魏大勋)، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى گاۋ تىڭيۈ (高亭宇)، شىرىنئاي گاۋ (希林娜依高)، مېڭ جيا (孟佳) قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئالدى بىلەن لى ۋېن دۆلىتىمىز مۇزىكا مۇنبىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك پىشقەدەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئۇنۋېرسال پىروگراممىغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە لى ۋېن ئىلگىرى جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يەنە بىر پىروگراممىسى «ناخشا ئۈچۈن مەدھىيە 2» (为歌而赞)نى سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، شۇنىڭ تەسىرىدىن بۇ قېتىم «يۈگرەيلى» پىروگراممىسىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر سانىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىدىكەن.

ۋېي داشۈنمۇ جېجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشقا بىر پروگراممىنىڭ دائىملىق ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىم ئۇنىڭ قاتنىشىشى قارىماققا پات ئارىدا قويۇلىدىغان ئۇنىۋېرسال پروگراممىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈندەك قىلىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككى پروگراممىنىڭ رېژىسسورى ئوخشاش.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى گاۋ تىڭيۈنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە پەسىلدىكى «يۈگرەيلى» پروگراممىسىنىڭ ھەممىسىدە ئولىمپىك چىمپىيونىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن ئوخشىمىغان ساھە بولغاچقا پروگراممىدىكى باشقا ئەزالار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتە بىر نېمە دېمەك تەس.

نيې يۈەن ئىلگىرى «يۈگرەيلى» پروگراممىسىغا قاتناشقان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىپادىسىمۇ يامان ئەمەس بولغان، بۇ قېتىم يەنە قانداق ئوخشىمىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىپ كېلەر؟

يەنە سەنئەتكار شېرىنئاي گاۋ تاماشا ساھەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى «قىزلار گۇرۇپپىسى 303» (硬糖少女303)نىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تونۇلۇش دەرىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ئۇنىۋېرسال پروگراممىغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

مېڭ جيا بۇ پەسىلدە ئىككىنچى قېتىم سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشتى، باشقا مېھمانلار بىلەن بىر قەدەر تونۇش بولغاچقا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق جەھەتتە بەك ئوڭايسىزلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

لېكىن دائىملىق ئەزا جېڭ كەي بۇ قېتىملىق سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشمايدۇ، ئايالى مياۋ مياۋ ئىككىنچى بالىسىنى تۇغقان بولغاچقا، جېڭ كەي ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن پىروگرامما گۇرۇپپىسىدىن رۇخسەت سوراپ شاڭخەيگە قايتقان، جېڭ كەي ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ ئاخىرقى ئىككى سان مەزمۇننى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشى مۇمكىن.


分享到: