ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

7-نومۇرلۇق ئىككى چولپاننىڭ ئورتاق ئارزۇسى: بىزگە چېمپىيونلۇق كېرەك

发表时间:2022-07-15 18:13作者:ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى来源:بەيدۇ تورى

بۇ يىل يازدا ۋاسكېتبول ۋە پۇتبول ساھەسىدىكى خەۋەرلەر قىزىپ كەتتى. گەرچە دۇنيا لوڭقىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دېگەندەك مۇسابىقىلەر بولمىسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا بۇ ئىككى ساھەدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك 7-نومۇرلۇق ئىككى چولپاننىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسىگە قىزىقماقتا. يەنى، بىرى پۇتبول چولپىنى كرىستىيانو رونالدو، يەنە بىرى ۋاسكېتبول چولپىنى دۇرانت.

رونالدو بىلەن دۇرانتنىڭ ئوخشاشلىقى

تېخنىكا ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن، ھەر ئىككىلا توپچى ئۆز ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك «مەرگەن»لەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بۇ ئىككى داڭلىق «مەرگەن»نىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بولغان ئەھۋالدا ھېچقانداق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەسلىكى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

رونالدو ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 18 توپ، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 24 توپ كىرگۈزگەن كىرگۈزگەن بولۇپ، ئەمما مانچېستېر بىرلەشمىسى تۆت كۈچلۈككە كىرەلمەيلا قالماستىن، ھەتتا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىمۇ شاللىنىپ كەتكەن. رونالدو بولسا، كوماندىنىڭ ئىپادىسىدىن نارازى بولۇپ، كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئىلتىماس قىلدى.

دۇرانت دائىملىق مۇسابىقىدە ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 29.9 نومۇر ئالغان، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 26.3 نومۇر ئالغان. لېكىن پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا تور كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى. خاردېن كوماندىدىن ئايرىلدى، ئىرۋىڭمۇ كوماندىدا قېلىشنى تاللىماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر دۇرانت داۋاملىق كوماندىدا قالسا كېلەر مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيونلۇقنى تالىشىش يەنىلا تەسكە توختايدۇ.

رونالدو ئۆتكەن يىلى يازدا شەرەپ بىلەن كونا كوماندىسى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ يەنە بىر يىللىق توختامى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يىللىق توختام ئۇزارتىش تاللىشى بار. تور كوماندىسى بولسا ئۆتكەن بىر يىلدا دۇرانت ئۈچۈن 40 مىليون سەرپ قىلغان.

بۇ ئەھۋالدا ئىككى توپچىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىشى مەلۇم نۇقتىدىن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق. لېكىن چېمپىيونلۇق ۋە ئۆزىنىڭ تارىخىي ئورنى ئۈچۈن، رونالدو بىلەن دۇرانت ھېچنېمىدىن يانمايدۇ.

رونالدو بىلەن دۇرانتنىڭ پەرقى

بىراق، ئىككەيلەننىڭ يەنە روشەن پەرقى بار. رونالدو بەش قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر شاھى، شۇنداقلا دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى تارىخىي مەرگەنلەر شاھى، ئۇ ھازىرقى ھالەتتە كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرسىمۇ، پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس گىگانت چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ؛ رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلماقچى بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب «بىرى» بولۇش ئەمەس بەلكى بىردىنبىر بولۇش، ۋە «تارىختىكى ئەڭ قالتىس» رىقابىتىدە مېسسىنى مەغلۇپ قىلىش. شۇڭا، ئۇ دۆلەت كوماندىسدا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك، كۇلۇبتا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك.

ئەمما، دۇرانتنىڭ پەقەت ئىككى NBA ئومۇمىي چېمپىيونلۇقى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېمپىيونلۇققا قەھرىمانلار كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئېرىشكەن. شۇڭا، شان-شەرەپ جەھەتتە «ئەڭ قالتىس» ھېسابلانمايدۇ. گەرچە يەككە مۇسابىقە پەسلىدە تۆت قېتىم نومۇر ئېلىش شاھى بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۇرانت NBA تارىخىدىكى نومۇر ئېلىش تىزىملىكىدە ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن.

شۇڭا، تارىختىكى ئورنىدىن قارىغاندا، دۇرانتنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئورنى رونالدونىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يىراق.

ئۇلارنىڭ يەنە كوماندىدا قېلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

گەرچە رونالدو بىلەن دۇرانت كوماندىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا كوماندىدا قېلىشى مۇمكىن.

رونالدو گەرچە نۇرغۇن كوماندىلارغا تەۋسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بايرېن ميۇنخېن ئېنىق رەت قىلدى، رىمنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى يوق، تۇخېل ئۇنىڭ چېلسىغا كېلىشىنى خالىمايدۇ، پارىژ سانت گېرماننىڭ ھۇجۇم سېپى نىسبەتەن تولۇق.

دۇرانتنىڭ كەتكۈسى بولسا تەبىئىي ھالدا نۇرغۇن كوماندىلار ئۇنى قوشۇۋېلىشنى خالايدۇ، لېكىن تور كوماندىسىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالايدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز، نېمىلا دېگەن بىلەن يەنە يەنە تۆت يىل توختام مۇددىتى بار. تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى تور كوماندىسىنىڭ قولىدا، ئەگەر تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، ئۇنداقتا تور كوماندىسى دۇرانتنى قويۇپ بەرمەيدۇ. شۇڭا، كېلەر مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو بىلەن دۇرانتنى داۋاملىق مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە تور كوماندىسىدا 7-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كىيگەن ھالەتتە كۆرۈشىمىز مۇمكىن.


分享到: