ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

«گىگانتلار زەربىدە» نېمىگە تايىنىپ دوۋبەندە 9.9دەك بۇنچە يۇقىرى باھا نومۇرىغا ئېرىشتى؟!

发表时间:2022-07-17 01:20作者:ئادىل来源:نۇر تورى

ياپونىيە كارتونلىرىنىڭ تەسىرى كۈچى ھەقىقەتەن ئادەتتىكىدەك ئەمەس، «ئەجدىھا مەرۋايىتى»، «دېڭىز قاراقچىسى شاھى» ۋە «نارۇتو» قاتارلىقلار ئىزچىل ياپونىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق «ئۈچ چوڭ كارتونى» دەپ تەرىپلىنىپ، مەستانىلەرنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن. لېكىن «توكيو تاپخورلىرى»، «پولات كىمياگەر»، «مەخلۇق ئوۋچىسى» قاتارلىق كارتونلارنىڭ قويۇلىشى بىلەن «ئۈچ چوڭ كارتون»نىڭ مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنى تەۋرەپ قالدى. بولۇپمۇ ياپونىيەلىك داڭلىق رەسىملىك كارتون ئۇستىسى ئىسىيامانىڭ ئەسىرى بولغان «گىگانتلار زەربىدە»نىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى كۆرنەرلىك بولدى. مەزكۇر ئەسەر قويۇلۇپ 3-بۆلۈمگە كەلگەندىلا «ئۈچ چوڭ كارتون»دىن ئىبارەت ياپونىيە كارتون ساھەسىدىكى بۇ ئېگىز «تام»نى ئۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ياپونىيە كارتونلىرى ئىچىدىكى تەۋرەنمەس ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىدى.

«گىگانتلار زەربىدە»نىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ياپونىيە كارتونلىرى ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىشى بىلەنلا توختاپ قالمىدى. «ھوقۇق ئويۇنى» ۋە «سېياھبېلىق ئويۇنى»....قاتارلىق نەچچە يۈز مىليون مەبلەغ بىلەن ئىشلىنىپ، دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان داڭلىق تىياتىرلارمۇ «گىگانتلار زەربىدە»گە يۈزلەنگەندە يەنىلا «گىگانتلار زەربىدە»نىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمىدى.

«گىگانتلار زەربىدە» ھازىرغىچە ساناقسىز چوڭ-كىچىك رېكورتلارنى يەنە قالتىس نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە دوۋبەندە 9.9 نومۇر ئېلىشتەك قالتىس نەتىجىسى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەڭ قالتىس نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنداقتا «گىگانتلار زەربىدە» نېمىگە تايىنىپ دوۋبەندە 9.9دەك بۇنچە يۇقىرى باھا نومۇرىغا ئېرىشتى؟! تۆۋەندە بىز دۇنياغا داڭلىق باشقا كىنو-تىياتىرلارنىڭ دوۋبەندىكى باھا نومۇرىنى كۆرۈپ چىقايلى:

«شاشەنك تۈرمىسىدىن قېچىش» (肖申克的救赎): دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 9.7 نومۇر

«تىتانىك» (泰坦尼克号): دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 9.4 نومۇر

«گۈزەل تۇرمۇش» (美丽人生): دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 9.6 نومۇر

«ئاۋاتار» (阿凡达): دوۋبەناىكى باھا نومۇرى 8.8 نومۇر

«ھوقۇق ئويۇنى 4-بۆلۈم» (权力的游戏 第四季): دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 9.6 نومۇر

«تۈرمىدىن قېچىش» (越狱): دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 9.4 نومۇر

«سېياھبېلىق ئويۇنى» (鱿鱼游戏): دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 7.6 نومۇر

«قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4-بۆلۈم» (复仇者联盟4:终局之战): دوۋبەندىكى باھا نومۇرى 8.5

قارايدىغان بولساق مەيلى ئامېرىكا-كورىيە تىياتىرلىرى بولسۇن ياكى بېلەت كىرىم چېمپىيونلىرى بولسۇن ۋەياكى دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان باشقا كىنو-تياتىرلار بولسۇن ھەممىسى بۇ جەھەتتە «گىگانتلار زەربىدە»گە ئۇتتۇرۇپ قويغان.

ئۇنداقتا «گىگانتلار زەربىدە» 9.9دەك بۇنچە يۇقىرى باھاغا لايىقمۇ، ئۇ زادى نېمىگە تايىنىپ دوۋبەندە بۇنداق نومۇرغا ئېرىشتى؟! ئەگەر «گىگانتلار زەربىدە» بۇ نومۇرغا لايىق، دەپ قارايدىغانلار ئارتۇقچىلىقىنى مىسال كەلتۈرۈڭلار ياكى ئىدىيەسىنى تەھلىل قىلىڭلار، بۇ نومۇر نومۇر يۇقىرى بولۇپ كەتكەن دەپ قارايدىغانلار سەۋەبىنى ئېيتىڭلار!


分享到: