ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدونى ئىجارە بەرمەكچى

发表时间:2022-07-24 13:20来源:爱酷艺

«ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرىستىيانو مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بۇنداق ۋاقىتتا مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدو بىلەن بىر يىللىق توختام ئۇزارتىپ ئاندىن ئۇنى ئىجارىگە بېرىشنى ئويلاشقان.

مانچېستېر بىرلەشمىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىر يىللىق توختام ئۇزارتىش تاللىشىنى قوزغاتماقچى، بۇنداق بولغاندا ئۇ كېلەر يىلى يازدا كونا تراففورد مەيدانىغا قايتالايدۇ، شۇ ۋاقىتتا مانچېستېر بىرلەشمىسىمۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. پەقەت يېڭى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىش ئۈچۈن رونالدو كوماندىدىن ئايرىلماقچى بولغان، ھەمدە ئائىلە سەۋەبىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مەشىقىگە قاتناشمىغان. ئىگىلىنىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى يېقىندا مېندېس بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىرىستىيانو رونالدودىن بىر يىللىق توختام ئۇزارتىش تاللىشىنى قوزغىتىشنى ئويلىشىپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەگەر شۇنداق بولسا، مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدونىڭ ئىجارە شەكلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كوماندىغا بىر پەسىل قوشۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. مادرىد ئاتلېتكا ھازىر رونالدوغا قىزىقىۋاتىدۇ. رونالدو كېلەر يىلى كونا تراففورد مەيدانىغا قايتىپ مۇسابىقە ئوينىسا بولىدۇ، مانچېستېر بىرلەشمىسىمۇ شۇ ۋاقىتتا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرى تېنخاگنىڭ تۇنجى يىلىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كوماندىنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق رونالدو بىلەن مېندېس بۇ تەكلىپتىن ھەيران قالغان. ئەمما نۆۋەتتە، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ بۇ تەكلىپنىڭ رەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.


分享到: