ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

دىلرابا بىرى بىلەن مۇھاببەتلىشىۋاتامدۇ قانداق؟

发表时间:2022-07-24 16:06作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا


دىلرابا بىلەن خۇاڭ جىڭيۈ (黄景瑜)نىڭ ئارىلىشىۋاتقانلىقى ئېنىقلا يالغان. ئىلگىرى ئۇلار توغرىسىدا تارقالغان ئاتالمىش خەۋەرلەر يا تىياتىرنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن يا بولمىسا ئىككىسىنى ماس كېلىدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ ئويدۇرما خىياللىرى. تىياتىر ئاخىرلىشى بىلەن ئىككەيلەن ئالاقە قىلمىغان. دىلرابا تەرەپنىڭ ئۆزىنى چەتكە تارتىپ «بىر جۈپلەر» دېگەن قاراشنى بۇزۇش نىيىتىمۇ ناھايىتى ئېنىق. يېقىندا توردا تارقالغان خۇاڭ جىڭيۈ «سوت سەرخىللىرى»نىڭ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا بارغان دېگەن خەۋەرمۇ يالغان. خۇاڭ جىڭيۈ ھازىر تۇرۇۋاتقان فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچىلەر «سوت سەرخىللىرى» گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن خالاس.

راست بولسا ئىككى-ئۈچ يىل مۇھەببەتلەشكەن ئېقىم مىقدارى يۇقىرى ياش ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر پارچە بىللە تۇرغان سۈرىتىنى پايلاقچىلارنىڭ قولغا چۈشۈرەلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ بۇ ئىككەيلەننىڭ خەۋىرى تازا قىزىغان ۋاقىتتا، ئەمەلىيەتتە ئەر تەرەپ بويتاق ئەمەس... دىلرابانى قوغلىشىدىغانلار ئاز ئەمەس، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىزمىتى بەك ئالدىراش. يىلدا نەچچە تىياتىر سۈرەتكە ئالىدۇ. مۇھەببەتلىشىشنى دېمەيلا قويايلى، ھەتتا ئۆيگە قايتىشقىمۇ ۋاقتى يوق. ئۇ تىياتىر تەرەپنىڭ ئېكران بىر جۈپلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۇسۇلىنى چەتكە قاقمايدۇ. بىراق تىياتىرنىڭ قويۇلۇش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتسىلا، دىلرابا تەرەپ دەرھال چەكلەيدىغان بولۇپ، ئىش قىلغاندا ناھايىتى كەسكىن. شۇ سەۋەبتىن ھەمكارلاشقان بىر قانچە ئەر ئارتىسنىڭ دىلرابا تەرەپكە بولغان پىكىرى ناھايىتى چوڭ.


分享到: