ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئەسقەر تىرېنېر: تىرېنېر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كۆپ توختالمايمەن، ھەممە ئىشتا كۇلۇبنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئاس

发表时间:2022-07-25 17:34

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزىنىڭ ئىجرائىيە تىرېنېرى پەرھات ئەپەندى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاچقا، كوماندىنىڭ ياردەمچى تىرېنېرى ئەسقەر ئىجرائىيە تىرېنېر سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ئەسقەر مۇنداق دېدى:«تىرېنېر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ توختالمايمەن، ھەممە ئىشتا كۇلۇبنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىمەن.»

ئېنىقكى، كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى چوقۇم باش ترېنېرنىڭ ئورنى مەسىلىسى. ئەسقەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«مەن كوماندىنىڭ ترېنېر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى كۆپ بايان قىلمايمەن، ھەممە ئىشتا كۇلۇبنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىمەن. كوماندا يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى خۇلاسىلەپ چىقتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىنچى باسقۇچتىكى تۇنجى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.»

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:00دىكى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 11-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى جياڭشى بېيدا دەرۋازىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.


分享到: