ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا داۋاملىشىدۇ

发表时间:2022-07-26 01:04作者:ئەلكۈيى تورى来源:مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى داۋاملىق ئېلان قىلدى

كەلگۈسى 10 كۈندە جەنۇبتا داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-چېسلا كۈندۈزى، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى داۋاملىق ئۆزىنى كۆرسەتتى. كەلگۈسى 10 كۈندە، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا دائىرىسى كېڭىيىدۇ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ؛ جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، ئەنخۇي، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، خېنەن، شەنشى، سىچۈەن ئويمانلىقى، چاڭجياڭ-خەنجياڭ ۋادىسى، چاڭجياڭ-خۇەيخې ۋادىسى قاتارلىق جايلاردىمۇ باسقۇچلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدۇ. 24-چېسلا سائەت 18دە، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قىزغۇچ سېرىق سىگنالىنى داۋاملىق ئېلان قىلدق.

21-چېسلادىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى يەنە بىر قېتىم كۈچەيدى. 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا جياڭسۇ، شاڭخەي، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، ئەنخۇي، خېنەننىڭ جەنۇبى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 25-چېسلادىن باشلاپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا دائىرىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىمالغا كېڭىيىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا داۋاملىشىدۇ، سىچۈەن ئويمانلىقى، چاڭجياڭ-خەنجياڭ ۋادىسى، چاڭجياڭ-خۇەيخې ۋادىسى، خۇاڭخې-خۇەيخې ۋادىسى، شىمالىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.


分享到: