ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئورۇقلاش پىلانىڭىزنى مەغلۇپ قىلىدىغان ئالتە خىل يېمەكلىك

发表时间:2022-07-26 13:17作者:ئەلكۈيى تورى来源:سىنا تورى


ھەممەيلەن ئورۇقلاش تەس دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئورۇقلاش تەس ئەمەس! ئەگەر ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىپ، ئىسسىقلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرسىڭىزلا كۇپايە، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئاسانلا سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلسىلا ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلغان بىلەن باراۋەر.

بولۇپمۇ تۆۋەندىكى 6 خىل «ئاسان سەمرىتىدىغان يېمەكلىك»نى تاشلىسىڭىزلا مۇۋاپپىقىيەتلىك ئورۇقلىيالايسىز:

1. كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىك

كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر تىپىك يۇقىرى كالورىيەلىك، يۇقىرى كىراخماللىق، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرگە تەۋە.

بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى كىراخمال بولۇپ، تاماق ئەتكەندە مايدا قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئاندىن تەم تەڭشىگۈچ قوشۇلىدۇ، بۇنداق بۇلغاندا ساغلام يېمەكلىك ماتېرىيالىمۇ ئىسسىقلىققا ئايلىنالايدۇ.

2. سۈت چاي

سۈتلۈك چاي تىپىك قەنت مىقدارى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، ئاسان سەمرىپ كەتمەيلا قالماستىن يەنە ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، بىر ئىستاكان سۈت چاي ئىچكەندە 300-500 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىدۇ.

3. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر

ھەر قانداق يېمەكلىك مايدا قورۇلغاندىن كېيىن ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز دېگەندە %30 ئاشىدۇ. ياغنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بەزى يبمەكلىك ماتبرىياللىرىنى مايدا پىشۇرغاندىن كبيىن ئىسسىقلىق ئبنبرگىيىسى 2-3 ھەسسە ئاشىدۇ، مەسىلەن، ياڭيۇ، پىدىگەن قاتارلىقلار.

يەنە بەزى يېمەكلىكلەر بار، قارىماققا قورۇمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «مايدا قورۇلغان يېمەكلىك»گە تەۋە، مەسىلەن، قۇرغاق قورۇلغان كۆك پۇرچاق قاتارلىق قورۇمىلارنىڭمۇ ماي تەركىبىمۇ ناھايىتى يۇقىرى!

4. شېكەر ماي ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك

بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئادەمنى ئەڭ ئاسان سەمرىتىۋېتىدىغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يېمەكلىكلەردىن پىلتە قۇيماق. ئۆزىنىڭ ماتېرىيالى كىراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، يەنە كېلىپ مايدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسسىقلىق مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، قانچە كۆپ يېسە شۇنچە تېز سەمرىپ كېتىدۇ!

5. قايماقلىق تورت

قايماقلىق تورت سۈت چايغا ئوخشاش ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، كىراخمال تەركىبى يۇقىرى، ماي تەركىبى يۇقىرى، قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرگە تەۋە. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغاندىن باشقا بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياغنىڭ تېخىمۇ ئاسان يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سەللا دىققەت قىلمىسا سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. ھاراق

بىر گىرام ئىسپىرت تەركىبىدە يەتتە كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق بار بولۇپ، ياغدىن ئانچە تۆۋەن ئەمەس. ھاراق ئىچكەندە يەنە ئازراق زاكۇسكا يېيىش كېرەك، ئىككىسىنى قوشقاندا ئىسسىقلىق مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.


分享到: