8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىلىدا ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن 25ى يېڭىدىن كۆپەيدى发表时间:2022-08-04 01:19作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئانار بۇلۇت ، شىنجاڭ گېزىتى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 25 ى كۆپەيدى (ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى) «ئانار بۇلۇتى» شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، ئىلى ئوبلاستىدا يېڭىدىن 25 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، غۇلجا شەھىرىدە 17 ئادەم، غۇلجا ناھىيەسىدە 5 ئادەم، نىلقا ناھىيەسىدىن 3 ئادەم بار،بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 ئادەم غۇلجا شەھىرى رايونىدا بارلىق خادىملارنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈشتە بايقالغاندىن سىرت، قالغانلىرى مەركەزلىك ئايرىش تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش رايونىدىكى خېسۈەن تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندا بايقاپ چىقىلدى، يۇقىرىدىكى خادىملار نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يۆتكەپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلدى. نۆۋەتتە، ئىلى ئوبلاستى بەشىنچى قېتىم بارلىق خادىملارنىڭ خېسۈەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىدى.
|